قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوتەن شەھىرىدە يېڭى ئېچىلغان ھايۋاناتلار باغچىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

2018-09-12 19:08:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شەھەرنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەھەر فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر يېرىم يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، خوتەن شەھەرلىك ھايۋانات باغچىسى ئىشقا كىرىشىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
خوتەن شەھەرلىك ھايۋانات باغچىسى لاسكۇي بازارلىق چىگە بۇلۇڭ كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ھايۋاناتلار باغچىسى ئېچىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى تەبىئەتكە يېقىنلىشىدىغان، سەيلە ـ ساياھەت قىلىدىغان، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.                         
خوتەن شەھەرلىك ھايۋانات باغچىسىدا ھازىر شىر، يولۋاس، قوڭۇر ئېيىق، تىمساھ، مايمۇن قاتارلىق 30 نەچچە خىل ھايۋان بار، كىرىش بېلىتى 20 يۈەن. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى پىيادىلەر يولى ئەلالاشتۇرۇلۇپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، كەڭ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇۋاپىق لايىھىلەنگەن. نۇرغۇن كىشىلەر ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى. بولۇپمۇ ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرى بىلەن دېڭىز شىرىنىڭ سالام بېرىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، توپنى تۇمشۇقىغا ئېلىپ تۇرۇش، پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرۇش قاتارلىق نومۇرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ نومۇرلارنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى.
 ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھايۋانلار بىلەن يېقىن ئۇچرىشىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بالىلىرىنى ئېلىپ خوتەن شەھەرلىك ھايۋاناتلار باغچىسىغا باردى، بالىلار خۇشال بولۇپلا قالماي، ئاتا ـ ئانىلارمۇ بالىلىرىغا ئەگىشىپ بالىلىق چاغلىرىدىكى گۈزەل ۋاقىتلىرىغا قايتقاندەك ھىس قىلىشتى.              
خوتەن شەھىرى ھايۋانات باغچىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جايغا ئىگە قىلدى. ھايۋاناتلار باغچىسى خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خوتەن شەھەرلىك ھايۋاناتلار باغچىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خوتەن شەھىرى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 400 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نەتىجە، شۇنداقلا خوتەننىڭ ساياھەت ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان يەنە بىر ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالىدىكەن

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى