قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەتچىلەر 600 مىڭدىن ئاشتى، پىچان قۇملۇقى مەنزىرە رايونىدا مۇكاپات بار

2018-09-12 19:09:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر تارقالدى، مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قۇمتاغ مەنزىرە رايونى، 2018- يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى تۇنجى قېتىم 600 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ قۇمتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مەملىكەت بويىچە چوڭ مەنزىرە رايونلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، تارىخىي خارەكتىرلىك يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
 ئىككى يىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۇ يىل 6- ئاينىڭ 28- كۈنى قۇمتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ يېڭى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى رەسمىي ئېچىلدى. مەنزىرە رايونى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ، قولايلىق مۇلازىمەت، كەسپىي يېتەكچى، ئىدراكىي مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، تېز سۈرەتتە مەنزىرە رايونىغا كىرىپ، غىزالىنىش، قونۇش، ساياھەت قىلىش، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق بولغان ساياھەت شارائىتى يارىتىپ بەردى.قۇمتاغ مەنزىرە رايونى بۇنىڭدىن كېيىن، ساياھەتچىلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇمتاغ مەنزىرە رايونىنى 5A دەرىجىلىك ۋە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېسىل ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى