قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پىراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن يىگىت ئون كىلومېتىر ماڭمايلا ۋەقە تۇغدۇردى

2018-09-12 19:13:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى پىراكتىكا مەزگىلىدە ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرسە بولمايدۇ، يېقىندا، بىرەيلەن پىراكتىكا مەزگىلىدە بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، نەتىجىدە بىردەمدىلا قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ، ۋەقەدە ئاپتوموبىل ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، ياردەمچى شوپۇر يان ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ئادەم يىنىك دەرىجىدە يارىلانغان.
قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن شوپۇرنىڭ C1 پىراۋىسى بولسىمۇ بىراق ھازىر پىراكتىكا مەزگىلىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى يانداشما شوپۇرلۇق ئورنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭمۇ پىراۋىسى يوقلىقىنى بايقىغان.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئۇلار ئاپتوموبىل بىلەن يۇرتىغا قايتىپ ئىش بېجىرمەكچى بولغان، توڭرېندىن زۈنيىگە بېرىشتا ناۋادا دۆلەت يولىدىن ماڭسا يول ئەھۋالى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىغانلىقى، بىراق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ماڭسا ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتىلا بارغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قاپيۈرەكلىك بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ماڭغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن 10 كىلومېتىرغا بارمايلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان، ئىككەيلەن بۇ قىلمىشىدىن ناھايىتى پۇشايمان قىلغان، بەختكە يارىشا ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان. قاتناش ساقچىلىرى بۇ ئىككەيلەنگە تەنقىدى تەربىيە بەرگەن.
ئەسكەرتىش: شوپۇر دوستلار پىراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا يۈرمەسلىكى، يۈرۈشكە توغرا كەلسە ئەڭ ياخشىسى تەجرىبىلىك شوپۇرلارنىڭ ياردىمىدە يولغا چىقىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى