قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتول چىرىقىنىڭ يېنىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر

2018-09-12 19:17:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتول بېسىمى يۇقىرى بولۇپ كەتسە ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا موتورنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا موتورنىڭ زاپچاسلىرى زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئاپتول چىرىقى سىگنال بەرگەن ھامان دەرھال سەۋەبىنى ئىزدەش كېرەك.
1. ئاپتول مىقدارىنىڭ يېتىشمەسلىكى ئاپتول بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.موتورنىڭ تېمپراتۇراسى زىيادە ئۆرلەپ كەتسە ئاپتول سۇيۇلۇپ ئېقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتول بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
3.ئاپتول پومپىسى زاپچاسلىرىنىڭ ئۇپراپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئاپتول پومپىسى ئاپتول چىقىرالمايدىغان ياكى چىقارغا ئاپتول يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
4.چەينەكلىك ئوقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئارىلىقى مۇۋاپىق بولمىسا ئاپتول بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ.
5.ئاپتول سۈزگۈچ، ئاپتول سۈمۈرۈش تەخسىسى توسۇلۇپ قالسا، ئوخشاشلا ئاپتول بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ.
6.ماي قايتۇرۇش كىلاپانى بۇزۇلسا ياكى نورمال ئىشلىمىسە، ئاپتول بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
7.ئاپتولنى خاتا تاللاپ قويغاندىمۇ ئوخشاشلا ئاپتول بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.8.ئاپتول تۇرۇبىسىدا ماي ئېقىش ئەھۋاللىرى بولسىمۇ، ئاپتول چىرىقى يېنىپ قالىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى