قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردى

2018-09-13 10:32:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تۈۋەن دەرىجىدىن ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش-- زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
    8-ئاينىڭ ئاخىرى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100 دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ۋە سودىگەر بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشتى. 400 خىلدىن ئارتۇق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ساۋەن ناھىيەسىدىكى «نۇڭكې جىنيۆ» دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلار بىرلەشمىسى بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يەرمەنكىسىنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپنىڭ بىرى ئىدى. «نۇڭكې جىنيۆ» دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلار بىرلەشمىسى-- 4 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە 2 يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، مۇقىم مۈلكى 269 مىليون يۈەنگە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى 1 مىڭ 795 كە، يۈرۈشلەشكەن دېھقانچىلىق چاتما- سايمىنى 1 مىڭ 300 دىن كۆپرەككە يەتتى. يىللىق مەشغۇلات كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مو ئەتىراپىدا بولۇپ، ناھىيە بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %52 نى ئىگىلىدى. «نۇڭكې جىنيۆ» دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى خەن بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:ھازىرقىدەك تېرىش كۆلىمىنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق. ھازىر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا تايىنىپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا بىر مىليون مو يەرنى تېرىش، ھوسۇل يىغىشنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
يېڭى دەۋر دېھقانلىرىدىن بولغان خەن بو ئاتا- بوۋىلىرىغا ئوخشاش تېرىقچىلىق قىلمايدىغان بولدى. خەن بو مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بوۋا- مومىلىرىمىز ئات- ئۇلاققا سوقا- ساپاننى قېتىپ بىر كۈندە كۆپ بولغاندا 8 مودىن 10 موغىچە يەرنى ئاغدۇرالايتتى. ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ زامانىغا كەلگەندە تىراكتۇرغا تايىنىپ بىر كۈندە 100 مو يەرنى ئاغۇرالايدىغان بولدى. ھازىر بىز بولساق بىر كۈندە 1 مىڭ 500 مو يەرنى ئاغدۇرالايدىغان سەۋىيەگە يىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى.
يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشكەنلەردىن يەنە خەن بو بىلەن بىر كەنتتىن بولغان جاڭ جۈنخېمۇ بار. ئۇنىڭ ئىلكىدە ھازىر 60 مو يەر بار بولۇپ، ئاساسلىقى كېۋەز تېرىيتتى. 2013- يىلىدىن ئىلگىرى، ئۇ ئايالى بىلەن بىللە، ئاساسەن ئىشلىگىلى كەلگەن ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ يەر تېرىيتتى، ھوسۇل يىغاتتى. ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنىڭ مەشغۇلات تەننەرخى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. ھازىر كېۋەز تېرىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ماشىنىلىشىپ، ئۇ ۋە ئايالىنىڭ خىزمەت سىجىللىقى يېنىكلەپ، ئۈنۈمى ئاشتى. جاڭ جۈنخې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر مو يەرگە كېتىدىغان ئىش ھەققى تەننەرخى 600، 700 يۈەنگە يېتەتتى. ھازىر بىر مو يەردىكى پاختىنى ماشىنا ئارقىلىق يىغىشقا 400 نەچچە يۈەن كېتىدۇ. بۇنىڭدا، ئادەم كۈچىنى ۋە تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
كېۋەز تېرىش ۋە ھوسۇل يىغىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغاچقا، ھازىر جاڭ جۈنخې ئائىلىسىدىكى 60 مو يەرنى ئايالى يالغۇز باشقۇرىدىغان، جاڭ جۈنخې سىرتتا مال توشۇيدىغان بولدى. جاڭ جۈنخې مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ئىلگىرى ئەر- خوتۇن ئىككىمىز كېۋەزلىكنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ باشقۇراتتۇق. يىللىق كىرىمىمىز تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. ھازىر مېنىڭ ماشىنا ھەيدەپ تاپقان پۇلۇم بىلەن كېۋەز ئۆستۈرۈشتىن قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، يىللىق كىرىمىمىز 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. جاڭ جۈنخې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنچە كۆپ يەر تېرىشقا پېتىنالمايتتۇق. يەر بەك كۆپ بولۇپ كەلسە، ئۆزىمىزمۇ يېتىشەلمەي قالاتتۇق. ھازىر يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئېشىپ، كۆپ يەر تېرىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرالايدىغان بولدۇق.
ھازىر، پاختا يىغىش ماشىنىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىراكتور، تەڭ ئىئونلۇق دورا چېچىش ماشىنىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەپ ئوغۇتلاش ماشىنىسى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە تېخنىكىلىرى-- ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. بۇ يىل ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %97.7 كە يېتىپ، ناھىيە بويىچە ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشى ئاساسىي جەھەتتىن ماشىنىلاشتۇرۇلدى. ساۋەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىڭ جۈن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ساۋەن ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سانى 19 مىڭدىن ئاشتى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ساۋەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيە» بولۇپ باھالاندى. بۇ شەرەپلەر--ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىسى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تەننەرخىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى