قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ۋە مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلدى

2018-09-13 10:39:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزا خىنە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى نۇقتىلىق خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى ۋە مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلدى.
مۇخبىر شورباغ يېزا خىنە كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان مەدەنىيەت مەيدانى تۈرىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ، خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل ئىلتىماس قىلغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرى بولۇپ، 875 كۇۋادرات مېتىرلىق سەھنە ۋە 250 كۋادرات مېتىرلىق سايىۋەن ۋە تاماشىبىنلار ئولتۇرىدىغان ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خىنە كەنتى ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىنىڭ تايانچ ئەزاسى ۋەلىجان مەمەت ناھايىتى خۇشال بولدى. ئادەتتە، ئۇ كەنتتە ناۋايلىق قىلغاندىن باشقا، ناخشا- ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولغاچقا، ئويۇن بولسىلا قاتناشماي قالمايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىنلا ناخشا- ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن ئىدىم. ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى. بولۇپمۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەلگەندىن بۇيان، ئويۇن قويۇش پۇرسىتى كۆپ بولدى. چولپانلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويىدىغان ئىمكانىيەتمۇ تۇغۇلدى. كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ تىرىشىش روھى ۋە غەيرىتى يەنىمۇ ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزا خىنە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ، «كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت تەشۋىقات ئەترىتى» قۇرۇپ، نومۇرلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، پارتىيە19- قۇرۇلتىيى روھى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنى نومۇرلارغا سىڭدۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى ھەر ئايدا كەنت ئاھالىلىرىنى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ياكى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قەرەللىك تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. خىنە كەنتىنىڭ ئاياللار مۇدىرى پاتىگۈل قاسىم مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن كەنتتە نۇرغۇن ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، كەنتنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتىنى جانلاندۇردى. كەنت ئاھالىلىرى ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن نومۇر ئورۇنلاپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرىنى بەختلىك يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەر ئايدا بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى سەنئەت كۆرىكى، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كىچىك تىپتىكى ئويۇننىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر خىنە كەنتىدە ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ھالەت ئومۇملاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزا خىنە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم مەمەت مۇنداق دېدى: كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇن، كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئامما ياخشى كۆرىدىغان كىنو، تېلېۋىزىيە چولپانلىرىنى ئاممىنىڭ يېنىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلدۇق، قانۇن- نىزام ۋە سىياسەتلەرنى ئومۇملاشتۇردۇق. ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى، تەنتەربىيە كوماندىسى قۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىنى دائىم مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، كەنتنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى