قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەلبتىكى پارلاق نۇر ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىش

2018-09-13 10:55:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ چىشېڭ ياش ۋاقتىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن ئەما بولۇپ قالغانىدى. ئەمما، ئۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ كېلىشمەسلىككە تىز پۈكمەي، تېخنىكا ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن مېيىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت قۇرۇش يولىغا جايلاشقان «چىشېڭ» ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورنىدا، ۋاڭ چىشېڭ خېرىدارلىرى ئۈچۈن ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلىۋاتقانىدى. ۋاڭ چىشېڭ مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىزدا ئىشلەيدىغان 10 ئادەم بار بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىن كېلىشىپ قويىدۇ.
ۋاڭ چىشېڭ 20 ياش ۋاقتىدا، قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ، ئەما بولۇپ قالغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ناھايىتى ئازابلاندى. بىر يىلدىن كېيىن ۋاڭ چىشېڭ دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك ئۇۋۇلاپ داۋالاش كەسپىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇنجى يىلى نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. بىر كۈنى نۇرغۇن كىشى بىر ئادەمنى نوسىلكىغا سېلىپ ئېلىپ كەلدى، بىزنىڭ مۇئەللىم ئۇنى يېرىم سائەتتەك ئۇۋۇلاپ داۋالىغاندىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇۋۇلاپ داۋالاشنىڭ بىز ئەمالارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى بىر تۈرلۈك تېخنىكا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مەن دىئاگنۇز قويۇش ئىمتىھانىدا 100 نومۇر ئالدىم. تەتىلدىمۇ ئۆيگە قايتماي، مۇئەللىمدىن تېخنىكا ئۆگەندىم.
ۋاڭ چىشېڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت قىممەتلىك پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىدە كېسەللەر ئۈچۈن توپتوغرا يەتتە يىل خالىس مۇلازىمەت قىلدى. ۋاڭ چىشېڭ توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن ئۇۋۇلاش ئورنى ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئايالىم ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدىم. دەسلەپتە، ھېچكىم بىزگە ئۆي ئىجارىگە بەرمىدى ھەتتا «ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرالمىساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟» دېگەنلەرمۇ بولدى. كېيىن ئۇلار تېخنىكامنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، نۇرغۇن كېسەلنىڭ مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ماڭا ئىشىنىدىغان بولدى. بىز بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن دۇكاننى بېزەپ، بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ماڭدۇق. بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئالغاندىن كېيىن مەن بۇ يەردە يېرىم يىل تۇردۇم. قىزىم مەندىن «بىر ھەپتىدە بىر قېتىم تاماق يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىغانمۇ بولدى.
ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورنىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. نۆۋەتتە، ۋاڭ چىشېڭ ئۈرۈمچىدە ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورنىدىن 3 نى ئېچىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلىدى. ئۇنىڭ شاگىرتى لى چۈن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ۋاڭ چىشېڭنىڭ دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 10 يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەما ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، ۋاڭ دوختۇر نۇرغۇن ئەمالارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. بۇ يەرنى چوڭ ئائىلە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ۋاقتى چىقسىلا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
  ۋاڭ چىشېڭ مۇنداق دېدى: ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم-- ئۈرۈمچىدە ئۇۋۇلاپ داۋالاش دوختۇرخانىسى ئېچىش. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، قەيسەر، تىرىشچان، ئۈمىدۋار بولساقلا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ.
  تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى