قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن 13- شىسى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ، بىڭتۈەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر تۈركۈم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى

2018-09-13 11:00:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
بىڭتۈەن 13- شىسى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ، قىزىل ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر تۈركۈم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.
13- شىنىڭ قىزىل يۇلتۇز 2- مەيدانىدىكى گەمە خارابىسىدە، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش 300 نەچچە گەمە رەتلىك تىزىلغان ئەسكەرلەرگە ئوخشاش تۇراتتى. بۇ يەردە تىلغا ئالغان «گەمە»- يەر ئاستىنى بىر مېتىردىن كۆپرەك چوڭقۇرلۇقتا كولاپ، تۆت ئەتراپىغا كېسەك بىلەن پاكار تام سېلىپ، ئۈستىنى قۇمۇش بىلەن يېپىپ، قۇمۇشنىڭ ئۈستىگە ئوت- چۆپ، يۇپۇرماق، لاي بېسىپ ياسالغان. بۇلار ئەينى يىللاردا پېشقەدەم ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ بوز يەر ئاچقاندا ياشىغان ۋە خىزمەت قىلغان جاي. ھازىر بۇ خارابە بىڭتۇەن دائىرىسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ گەمە خارابىسى ھىسابلىنىدۇ.
2010- يىلى 10- ئايدا، قىزىل يۇلتۇز 2- مەيدانىدىكى گەمە خارابىسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. ھازىر يىلىغا كېلىدىغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. 27 ياشلىق جاۋ نەننەن ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە گەمە ئىچىگە كىرىپ، نەق مەيداندا كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن جاپالىق مۇھىتتا ئىشلىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئۇلار مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتا، بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپتۇ. بىز ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.
ساياھەتچى شۈ پېيفا مۇنداق دېدى: بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ جاپا- مۇشەققەتكە چىداش روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قىزىل يۇلتۇز 2- مەيدانىدىكى پېنسىيىگە چىققان خىزمەتچى ما جەنفاڭ كىچىك ۋاقتىدا بۇ يەردە تۇرغان بولۇپ، گەمىگە باشقىچە مېھرى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاتا- بوۋىلىرىمىز، ئۇلار تارتقان جاپا- مۇشەققەتلەرنى ئەسلەيمىز. بىز ئىلگىرى بۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، چۈشىمىزدىمۇ بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمىغانىدۇق.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۈەن 13- شىسى قىزىل يۇلتۇز روھىنى ئۈزۈكسىز نۇرلاندۇرۇپ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلدى. گەمە خارابىسى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، قىزىل يۇلتۇز 1- مەيدان تارىخى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىقلار 13- شى ھەتتا قۇمۇل شەھىرىدىكى قىزىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بولۇپ قالدى. كېيىنكى قەدەمدە، 13- شى ساياھەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، ساياھەت بىلەن سانائەتنى، ساياھەت بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بىڭتۈەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. بىڭتۈەن 13- شى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرى سۇڭ يۈ مۇنداق دېدى: قىزىل ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، گەمە خارابىسى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت مەيدانى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كىنو- تېلېۋىزىيە بازىسى قاتارلىق قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز. بىر تۈركۈم قىزىل ساياھەت نادىر لىنىيەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، قىزىل ساياھەتنى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرىمىز. تۇەن- مەيدانلارنىڭ قىزىل كىنو-تېلېۋىزىيە شەھەرچىسىنى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك كىنو-تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۇەن-مەيدان قىزىل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىمىز.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى