قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاش تۇز زاپىسى تۈزۈمىنى ئورناتتى، يىللىق تۇز زاپىسى پىلانى 20 مىڭ توننا بولدى

2018-09-13 19:25:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇزچىلىق ئىدارىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇز زاپىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇز زاپىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاش تۇزى زاپىسى يىللىق پىلانىنى 20 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى بېكىتتى.
▲ «چارە»دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇز زاپىسىنى تۇز باھاسى بازىرىدا بىنورمال داۋالغۇش كۆرۈلۈش؛ ئاش تۇزى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا چوڭراق تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈش؛ زور تەبىئىي ئاپەت، يۇقۇم ئەھۋالى، تاسادىپىي جامائەت ۋەقەسى يۈز بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇز زاپىسىنى ئىشلىتىش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللاردىن ئىبارەت تۆت خىل ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ.»
▲ئاپتونوم رايوننىڭ ئاش تۇزى زاپىسى يىللىق پىلانى 20 مىڭ توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت زاپىسى 10 مىڭ توننا، كارخانا زاپىسى 10 مىڭ توننا بولىدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك زاپاس تۇز، دۆلەتنىڭ ئاش تۇز ئۆلچىمى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 500 گرام ۋە 500 گرامدىن تۆۋەن كىچىك بولاقلىق يود قوشۇلغان تۇزنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسى خام چوت مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاش تۇز زاپىسىغا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ۋە باشقۇرۇش ھەققى بېرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئاش تۇزى زاپىسى كارخانىسى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.
▲ ئاش تۇزىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ۋە ئاش تۇزىنى نۇقتىلىق توپ سېتىش كارخانىلىرى ئاش تۇز زاپىسى مەسۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاش تۇزىنىڭ مۇۋاپىق ئىسكىلاتتا ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئاش تۇزى زاپىسى شۇ كارخانىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىش مىقدارى ياكى يىللىق سېتىش پىلانىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە سېتىش مىقدارىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئاش تۇزى زاپىسىنى ھەرىكەتچان ساقلاپ، يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.
▲ ئاپتونوم رايون ئاش تۇزى زاپىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تۇز بازىرىنى ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاش تۇزى زاپىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇز بىلەن مۇقىم تەمىنلەش ۋە بازارنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى