قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇزېي باشقۇرۇش ئىدىيەسى يېڭىلانغاچقا، قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى جانلاندى

2018-09-13 19:27:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەت قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھىلىرىغا ئايلاندى. قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ جانلىنىشى مۇزېي باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ يېڭىلانغانلىقىدىن بولدى.
▲ 9- ئاي كىرگەندىن بۇيان بۇيان، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ھەر كۈنى كېلىدىغان ساياھەتچى ئۈچ تۆت مىڭ ئادەمگە يەتتى.
▲ ئىلگىرى ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى كىشىلەرگە كۆپىنچە سۈرلۈك، جىمجىت تەسىر بېرەتتى، ھازىر ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا باغچە كەبى گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىندى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قەبرىستانلىق مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك گۈزەللەشتۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇ يىل يەنە 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق دۆلەت قىزىل ساياھەت مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىرنى كۆپەيتمەكچى بولدى؛ چوڭ دەرۋازىنىڭ سول تەرىپىگە «قائىدە- يوسۇن باغچىسى» قۇرۇپ، گۈزەل مۇھىت ۋە تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پىلانلىدى.
▲ شىنجاڭ بىڭتۈەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدىكى ئەڭ «گىگانت» كۆرگەزمە بۇيۇمى بولغان كەڭلىكى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان ياي شەكىللىك يېرىم كۆرۈنۈشلۈك رەسىم − »بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش»تە، ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ چۆل- جەزىرىلەردە بوز يەر ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىدەك قايناق مەنزىرە نامايان قىلىنغان، بۇ رەسىمنى لۇشۈن گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدىكى ئون نەچچە ماي بوياق رەسسام بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىزىپ چىققان. ئۇنىڭ يېرىمى ماي بوياق رەسىم، يېرىمى چۆللۈكنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بولۇپ، رەسىمنىڭ ئالدىدا تۇرغان كىشىگە خۇددى رەسىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەك تويغۇ بېرىدۇ، ھەر بىر ساياھەتچىگە بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى قايناق ھېسسىياتىنى ئېنىق ھېس قىلدۇرۇپ، قەلبلەرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ ۋە پاكلايدۇ. كۆپ مەنبەلىك تارقىتىش ئۇسۇلى ئۇزاق يىللار بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇپ»، ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىگە ئوڭايلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.▲ شىنجاڭ بىڭتۈەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەييارە كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تېخىمۇ «يىراققا يەتكۈزۈپ»، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى «سۈرەتتىكى بىڭتۈەن − شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تارىخى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» بېيتۈندىكى كۆرگەزمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى شەھەر- ئارالغا يۆتكەلدى. ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى 20- 30 مىڭچە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت ئىچىدىن 397 پارچە سۈرەتنى تاللاپ، 126 كۆرگەزمە تاختىسى ياساپ، بىڭتۈەن تارىخىنى يىغىنچاقلىدى. بۇ كۆرگەزمە بۇ يىللىق دۆلەت سەنئەت فوندى ياردەم بەرگەن تۈر بولۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن شەھەردە سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭ بىڭتۈەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى يىلدا 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى