قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن 13- شىسى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ، قىزىل ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-09-13 19:28:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىڭتۈەن 13- شىسى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ، قىزىل ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر تۈركۈم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.13- شىنىڭ قىزىل يۇلتۇز 2- مەيدانىدىكى گەمە خارابىسىدە، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش 300 نەچچە گەمە رەتلىك تىزىلغان ئەسكەرلەرگە ئوخشاش تۇراتتى. بۇ يەردە تىلغا ئالغان «گەمە»- يەر ئاستىنى بىر مېتىردىن كۆپرەك چوڭقۇرلۇقتا كولاپ، تۆت ئەتراپىغا كېسەك بىلەن پاكار تام سېلىپ، ئۈستىنى قۇمۇش بىلەن يېپىپ، قۇمۇشنىڭ ئۈستىگە ئوت- چۆپ، يۇپۇرماق، لاي بېسىپ ياسالغان. بۇلار ئەينى يىللاردا پېشقەدەم ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ بوز يەر ئاچقاندا ياشىغان ۋە خىزمەت قىلغان جاي. ھازىر بۇ خارابە بىڭتۇەن دائىرىسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ گەمە خارابىسى ھىسابلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى