قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 نارات مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز پەسلىدىكى ساياھەت مۇلازىمەت تۈرلىرى تېخىمۇ سەر خىل

2018-09-13 19:30:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، نارات مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.
▲ قولىدا ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەر ۋە بىڭتۈەننىڭ كىملىكى بولغان ساياھەتچىلەر شەنبە، سەيشەنبە كۈنى كىرىش بېلىتى سېتىۋالسا (شۇ كۈنى ئىناۋەتلىك بولغان) مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى ھەر بىر كىشىگە 10 يۈەنلىك باھادا سېتىلىپ، %90 لىك ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولىدىكەن. باشقا ۋاقىتلاردا %50 لىك ئېتىبار باھادىكى 47 يۈەنلىك كىرىش بېلىتىدىن بەھرلىنەلەيدىكەن. دەريا ساھىلى لىنىيىسىنىڭ بېلەت باھاسى ھەر بىر كىشىنىڭ 30 يۈەن بولىدىكەن. ھاۋا بوشلۇقىدىكى يايلاق ئاپتوبۇس بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 40 يۈەن، پەنلۇڭ جىلغىسى رايونلار ئارا ئاپتوبۇس بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 40 يۈەن بولىدىكەن؛ ئىلى ئوبلاستى نوپۇسىدىكى كادىرلار ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئېلىپ نارات مەنزىرە رايونىغا كەلسە ھەقسىز كىرەلەيدىكەن، دەريا جىلغىسى ئوتلىقى لىنىيەسىنىڭ بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 30 يۈەن، ھاۋا بوشلۇقىدىكى يايلاق لىنىيەسىنىڭ بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 40 يۈەن، پەنلۇڭ جىلغىسى مەنزىرە رايون ئاپتوبۇس بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 40 يۈەن بولىدىكەن.
▲ مەنزىرە رايونى بىرلەشمىسىنىڭ مىھمانسارىيىدا ياتقانلار 80% لىك ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدە كىشىلەر توپى (ئىلى رايونىدىكى كىشىلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ)، ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ: 6 ياشتىن يۇقىرى 15 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، مەنزىرە رايون ئاپتوبۇسىغا يېرىم باھادا بېلەت ئېلىنىدۇ (نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىك ئارقىلىق دەلىللىنىدۇ)؛ 60 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغانلار كىملىكى ئارقىلىق كىرىش بېلىتى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، 60 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغانلارغا مەنزىرە رايون ئاپتۇبۇس بېلىتى پۈتۈن باھالىق بولىدۇ، 65 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغانلارغا مەنزىرە رايون ئاپتوبۇسىغا يېرىم بېلەت ئېلىنىدۇ.
▲ ساياھەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى ئارقىلىق نارات مەنزىرە رايونىنى ئۆزى ساياھەت قىلسا، ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا بولىدۇ، مەنزىرە رايون ئاپتوبۇسى بېلىتىدە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ.
▲ خەلق ساقچىلىرى ساقچى كىنىشكىسى ئارقىلىق نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ، دەريا ساھىلى لىنىيىسى ئاپتۇبۇس ھەر ئادەم قېتىمغا 30 يۈەن، ھاۋا بوشلۇقىدىكى يايلاق لىنىيىسى ئاپتۇبۇس بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 40 يۈەن، پەنلۇڭ جىلغىسى مەنزىرە رايون ئاپتوبۇس بېلىتى ھەر ئادەم قېتىمغا 40 يۈەن بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى