قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇدىكى ئىككى چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى چۈشۈرۈلدى

2018-09-13 19:33:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى تۆۋەنلىتىلسە، ساياھەتچىلەرنىڭ خوشال بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە، كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدىن ئىبارەت ئىككى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى % 10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىلدى.
▲ كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى ھەر بىر كىشىگە 45 يۈەندىن ھازىرقى 41 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى. ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى ئەسلىدىكى ھەر بىر ئادەمگە 45 يۈەندىن 36 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى.
▲ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى كۇچا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇدا كۆپ قېتىم «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون چوڭ جىلغا»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بەش كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل قوڭۇر رەڭلىك چوڭ جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرسىڭىز، پىنگىۋىن چوققىسى، ئاشىق - مەشۇقلار چوققىسى قاتارلىق ھەر خىل ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى كۆرىسىز، جىلغىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى 100 مېتىر كېلىدۇ. «تىرىك گېئولوگىيىلىك تارىخى ئۆزگىرىش مۇزىيى» دەپ نام ئالغان ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ گۈزەل غەيرى دەنشيا يەر شەكلى بولۇپ، ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ كارستلىق يەر شەكلى مەنزىرە رايونى ھىساپلىنىدۇ.
▲ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىنىڭ ئارقا تەرىپى تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى - تۆمۈر چوققىسىغا تۇتاشقان، تۆمۈر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 7 مىڭ 443 مېتىر كېلىدۇ، 2013- يىلى شىنجاڭ تيانشان تېغى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، تۆمۈر چوققىسى رايونى تيانشان تېغىنىڭ 4 چوڭ مىراس رايونىنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر پارچىسى بولۇپ، يەر كۆلىمى %59.87 نى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى، دۆلەت دەرىجىلىك گېئولوگىيىلىك باغچا، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دېگەن ناملارغا ئېرىشتى.
▲ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۇچا ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 150 مىڭ ئادەم  قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 51.1 ئاشقان؛ ئونسۇ ناھىيىسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 625 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %27.55 ئاشقان.
▲ كۇچا ناھىيىسى ھازىر ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە لىنىيىلىرىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۇچا چوڭ جىلغىسى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى ۋە كىچىك جىلغىنى مەركەز قىلىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولى ئالتۇن ساياھەت لىنىيىسى بەرپا قىلماقتا. ئونسۇ ناھىيىسىمۇ تيانشان تېغى تۆمۈر چوققا رايونى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنى ئاساس قىلغان ماركىنى يارىتىپ، بۇنى پۈتۈن ناھىيىنىڭ ساياھەت بايلىقى بىلەن بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن ئونسۇ رايونىنىڭ يېڭى ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۇرمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى