قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاڭئەندىكى ناخشا- ئۇسسۇل

2018-09-13 19:40:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 لۇ جېڭيى

بۇلتۇر 6- ئايدا، دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى يەر ئاستى سۇ كارىدورى كۆرگەزمە زالىدا مىڭ يىل ھالقىغان مۇزىكا كېچىلىكى-- «چاڭئەندىكى ناخشا-ئۇسسۇل-- شەنشى قەدىمىي ناخشا- ئۇسسۇللىرى كۆرگەزمىسى» نى ئۆتكۈزۈپ، جۇ، چىن، خەن، تاڭ قاتارلىق سۇلالىلارنىڭ نەچچە يۈز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق قەدىمكى چاڭئەن رايونىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلدى.
  ئۇزاق قەدىمقى زاماندىكى تاماق ۋاقتىدا چېلىنىدىغان مۇراسىم مۇزىكىسى جو سۇلالىسى دەۋرىدە گۈللەنگەن، غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيانقى، مۇراسىم مۇزىكىسىغا بولغان ھۆرمەتنى شەنشى رايونىدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى برونزا چالغۇلىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ. خەنچېڭ لياڭدەي كەنتىدىن قېزىۋېلىنغان غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاتار قوڭغۇراق برونزا مۇراسىم مۇزىكىسى مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك بۇيۇمى. ئالتۇن تاش مۇزىكا ئەسۋابلىرى جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بۇ ھەيۋەتلىك ناخشا- ئۇسسۇل باشلىنىشىدا برونزا مەدەنىي يوسۇن تۈزۈمى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمىنىيە، ئۇرۇشقاق بەگىلىكلەر دەۋرىدە «ھەممە ئېقىملار بەس- بەستە سايراش، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش» تەك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت قىياپىتى تەدرىجىي شەكىللەندى.
  چىن سۇلالىسى كىشىلىرىنىڭ ئەدەپ- قائىدىلىرى پادىشاھنىڭ ئىقلىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، زوڭجۇ دەۋرىنىڭ مۇراسىم مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا سىڭىپ كەتكەن. بۇ خىل قەدىمىي ھۆرمەت قىلىش بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى باۋجى- تەيگۇڭ بۇتخانىسىنىڭ گەمىسىدىن قېزىۋېلىنغان چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇڭجۇڭ سائىتى بىلەن ئوتىغۇچ (قەدىمدىكى بىر خىل چالغۇ) دىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر چالغۇدا تولۇق ئىپادىلەنگەن.
  بىز ئىلگىرى يۆفۇ يەنى مۇزىكا مەھكىمىسىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدا بولغان دەپ قارايتتۇق، ئەمما لىنتوڭدىكى چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن- كۈمۈش بىلەن نەقىشلەنگەن مۇزىكا مەھكىمىسى قوڭغۇرىقى بىزنىڭ تونۇشىمىزنى يېڭىلىدى.بۇ مۇزىكىلىق قوڭغۇراقنىڭ يۇمىلاق، سىلىق يان تەرىپى دەسلەپكى قوپال شەكىلنى ئۆزگەرتكەن، سەل قورقۇش تۇيغۇسى بېرىدىغان يالغۇز مۈڭگۈزلۈك ئەجدىھامۇ سىپايىلىك بىلەن بۇلۇت ئۈستىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىياپەتكە ئۆزگۈرۈپ، شېئىر ۋە مۇزىكىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇراسىم مۇزىكىسى مەدەنىيىتىنىڭ دەلىلىگە ئايلانغان. چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسىدىن قىزىۋىلىنغان خۇددى تىرىكتەك كۆرىنىدىغان ياغاچ ھەيكەللەر ھەيۋەتلىك لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى بىلەن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ قورقماي كۆڭۈل ئېچىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  شەنشى رايونىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزچىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك دەپ قارىلىدۇ. شىئەننىڭ خېجيا كەنتىدىكى گەمىدە ساقلانغان ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئات سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىستاكان، كۈمۈش چۆگۈن ئات مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھەممە يەردە ئەكس ئىتىپ تۇردىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دايۈەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئات سودىسىنىڭ پايدىسى بولغان، غەربىي يۇرتتىن چىقىدىغان ئەلا نەسىللىك تۇلپار ئوردىدا تاماشا قىلىش ئوبيېكتى دەپ قارالغان. بۇ چاغدا يىتىشتۈرۈلگەن ئات قاتناشقا ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ئايال سازەندىلەرنىڭ ئويۇن قويۇشىغا ماسلىشىدىغان ئارتىس قىلىپ تەربىيەلەنگەن. كۆپ مەنبەلىك ئات ئوبرازىغا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تۇلپار «كېنتاۋۇر» بىلەن ساسسانىت ئىمپىرىيەسىنىڭ يۇلتۇز ئاي قۇلۇن ئوبرازى ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇ ئاتلارنىڭ ئوبرازى ساغلام ھەم جانلىق. مەسىلەن: يۇنان ئۇسلۇبىدىكى قاۋۇل بەدەن ۋە دولقۇنلۇق، سىلىق يايلىسى ئۇلارنى قارىماققا مۇزىكىلىق رىتىم ھەرىكىتىگە ئىگە قىلغان.
ئات بىلەن بىللە غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان يەنە تۆگىنىڭ ئوبرازى بار بولۇپ، بۇ تۆگە ھەيكەللىرىنىڭ لوكىسى ناھايىتى چاققان بولۇپ، تۆگىنىڭ بېشى ئاسمانغا قارىغان، دۈمبىسىگە ئۈچ خىل رەڭلىك شاھمات ئۇرۇقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۆت چاسا شەكىللىك زىلچا سېلىنغان، يەتتە مۇزىكانت ئۇنىڭ ئۈستىدە چۆرىدەپ ئولتۇرغان، ئوتتۇرىدا بىر ناخشا ئېيتقۇچى بار ئىدى. ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇكى، سازچىلار چالغان چالغۇلاردىن باربىت، غوڭقا، قىسقا نەي، شېڭ، نەي، شاقىلداق، تىزما نەي بار، شەخىسنىڭ چىراي ئىپادىسى جانلىق بولۇپ، خۇددى مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ بەدەننى تەۋرىتىۋاتقاندەك، ناھايىتى جانلىق كۆرۈنىدۇ.
بۇ چاغدا سولغا بۇرۇلساق، غايەت زور ناخشا- ئۇسسۇل تام رەسىمىنى كۆرەلەيمىز. مانا بۇ گۈزەل سەنئەت تارىخى ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەن شيۇمۇ تام رەسىمى «ناخشا- ئۇسسۇل رەسىمى». قەبرە ئىگىسى خەن شيۇ دېزوڭ دەۋرىدە ۋەزىر بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق رەسسام خەن خۇاڭ بولۇپ، «باش كالا رەسىمى» ناملىق ئەسىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان، ئۇنىڭ قەبرىسىدىكى تام رەسىملىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك رەسىم ئەسىرىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تېپىلغۇسىز ئۇسسۇل رەسىمى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ ناخشا- ئۇسسۇل نەپىس باغچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا بىر جۈپ ئەر- ئايال گىلەم ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا تۇرغان بولۇپ، خۇددى نېلۇپەرگە دەسسەپ تۇرغاندەك لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ بىر پۇتىنى يېنىك كۆتۈرىدۇ، كۆڭلەكنىڭ لەرزان ئۇزۇن يېڭى ئەركىن ئۇچۇپ تۇرىدۇ، ناھايىتى قالتىس. ئىككى تەرەپتىكى دەرەخ ئاستىدا مۇزىكا ئەترىتى بار بولۇپ، كۆرۈنۈشنىڭ سول تەرىپىدىكى ئايال سازچىلار شېڭ، چىككاك، جېڭ، غوڭقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خۇددى ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئاياللارغا ئوخشايدۇ، پۈتۈن مۇزىكا قىسمىدا ئەركىن- ئازادىلىك ھىس قىلغىلى بولىدۇ؛ ئوڭ تەرەپكە قارايدىغان بولساق، ئەر سازچىلاردىن تەشكىللەنگەن مۇزىكا ئەترىتىدا بولسا تىزما نەي، غوڭقا، باربىت، تەخسىسىمان مىس چالغۇ قاتارلىقلار كۆپرەك بولۇپ، رىتىمى كۈچلۈكرەك، گەرچە ئەر ئۇسسۇلچىلار سېمىزرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇسسۇل ھەرىكىتى تېخىمۇ چاققان ۋە جانلىق كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن كۆرگەزمە زالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارىسىدا جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغىنى بىر قەدەر خۇشال كەيپىياتتىكى «يىپەك يولىدىكى گۈل ۋە يامغۇر» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل بولۇپ، بۇنى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاشتاشچىلار ئۇسسۇلى، خوجايىن ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭلىك ساپال ناغرا، يەنە ئالتۇن رەڭلىك مىس پىلە قۇرتىمۇ بار ...... بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىن قەدىمكى مۇزىكا ئۆزگىرىشىنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، زامان- ماكان گىرەلىشىپ كەتكەن مۇزىكىلار قۇلاڭ تۈۋىڭىزدە ياڭراپ تارقىلىپ كەتمەيدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى