قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گېڭ كەنتىنىڭ ھېكايىسى

2018-09-13 19:43:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گېڭ كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، خەلق مەيدانىنىدىن تارتىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دېھقان ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىغا سىزىلغان كۇڭ زىنىڭ ئاشلىق ئارىيەت ئېلىشى، چىۋىق كۆتۈرۈپ بېرىپ سەمىمىي ئەپۇ سوراش، جاڭ گولاۋنىڭ ئېشەككە تەتۈر مىنىشى قاتارلىق ھېكايە رەسىملىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. گېڭ كەنتىنىڭ نامسىز بىر كىچىك كەنتتىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، «جۇڭگونىڭ ھېكايە كەنتى» گە ئايلىنىشىدا، گېڭ كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جىن چۈنلىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان جىن چۈنلى گاۋچېڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىغا گېڭ كەنتىنىڭ ھېكايىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن گېڭ كەنتىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىكى مول بايلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
  1987 ـ يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، 12 قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گېڭ كەنتىدە 50 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا- چوڭ تىپتىكى ھېكايە سۆزلىيەلايدىغان 100 دىن ئارتۇق ئادەم بايقالغان. ھازىر گېڭ كەنتىدە تۈرلۈك ھېكايىلەرنى سۆزلەيدىغان مەدداھلاردىن 50 نەچچىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، 100 دىن ئارتۇق ھېكايە سۆزلىيەلەيدىغانلاردىن 20 نەچچىسى بار.
 گېڭ كەنتىدە زادى قانچىلىك ھېكايە باردۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كەنتتىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ھېكايە توپلىدى. 63 مىليون خەتلىك ھېكايە رەتلەپ، 5 پارچە «گېڭ كەنتى ھېكايىلىرى توپلىمى»، 6 پارچە «گېڭ كەنتى مىڭ بىر كېچىسى» نى تۈزۈپ نەشىر قىلدى.
گېڭ كەنتىدىكىلەر سىرتقا چىقىپ سودا قىلغاندا، ئەسكەر بولۇپ ۋە ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندە، شۇ يەرلەردە ئاڭلىغان ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنىمۇ كەنتكە بىرگە ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن جاھاندىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە توپلىنىپ، ھېكايە سۆزلەشكە ئامراق گېڭ كەنتىدىكى ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىزىدىن- ئېغىزغا تارقالغان.
يۇرتداشلارنىڭ ھېكايە ئېيتىش ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بەزىلەر ئېغىزدىن- ئېغىزغا تارقىلىپ كەلگەن ھېكايىلەرنى سۆزلەشكە ماھىر بولسا، بەزىلىرى ھېكايىگە ھەرىكەت قوشۇپ، بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن رول ئېلىپ ئوينايدىكەن. ئوخشاش بىر ھېكايىنى ھەر كىم ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا سۆزلەيدىكەن. كۆپچىلىك دائىم يىغىلىپ ھېكايە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ھېكايىنىڭ يېڭىلىقى، ھېكايە ئېيتىشتا بەستلىشىدىكەن. ھېكايە سۆزلەش، ھېكايە ئاڭلاش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، جېدەل- ماجىرانى بىرتەرەپ قىلىش، پەرزەنت تەربىيەسى، باشقىلارغا نەسىھەت قىلغاندىمۇ ھېكايە ئېيتىش ئۇسۇلىدا بىرتەرەپ قىلىدىكەن.
خو گوگو بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى جاڭ سەيسەي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى، يەنە بىرسى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى. گېڭ كەنتىدە ھېكايە سۆزلەش بىلەن داڭ چىقارغان بۇ ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ پىروگرامما ئىشلەشكىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلار پويىز بىلەن بېيجىڭغا بارغۇچە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشقا يولۇققان. بىر يولۇچى خۇ گوگونىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھېكايە ئېيتىش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى نەق مەيداندا ھېكايە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. نەتىجىدە ئۇ ھېكايە ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، پويىزدىن چۈشۈشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بىر بېكەت ئارتۇق ماڭغاندىن كىيىن ئاندىن بېكەتتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. 
 دېھقانلارنىڭ نەزىرىدە ھېكايە سۆزلەشنى بىلىش ئادەتتىكى بىر ئىش. لېكىن، ئۇلار يېزىدىكى بۇ ھېكايىلەرنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ تارقىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان. 1989- يىلى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات يىللىق يىغىنىدا، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جيا جى گېڭ كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا تارقالغان ھېكايىلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە گېڭ كەنتىدىكى مەدداھلار ئائىلىلىرىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ، گېڭ كەنتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ كەنت دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ئالىم ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ دېقىتىنى تارتتى.
 
  گېڭ كەنتىدىكىلەر تارىخى ئۇزۇن بۇ ھېكايىلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.ھېكايىچى ئەر- خوتۇن، ھېكايىچى ئائىلىلەر گېڭ كەنتىنىڭ ھېكايىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، قانداشلىق ۋە قۇدا- باجىلىق مۇناسىۋىتى ھېكايىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زەنجىرگە ئايلاندى. گېڭ كەنتىنىڭ ھېكايىلىرى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملىشىپ، تارقىلىپ كەلمەكتە. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش بىر ئەۋلاد گېڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە كىيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى زېممىسىگە ئالماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى