قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسى

2018-09-13 19:44:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 چىڭداۋلىقلار ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، چىڭداۋلىقلارنىڭ ئۆيگە قايتىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشىمۇ سەدەپ قۇلۇلىسى يېيىش. پىۋا، سەدەپ قۇلۇلىسى، كاۋاپ قاتارلىقلار چىڭداۋلىقلارنىڭ كېچىلىك تاماقلىرى. ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسى ۋە ئەسلى تەملىك سەدەپ قۇلۇلىسى--- چىڭداۋلىقلارنىڭ دائىم يەيدىغان ئىككى تۈرلۈك تامىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسى ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە. بۇ يەردىكى سەدەپ قۇلۇلىسى ناھايىتى مەززىلىك بولۇپ، بىر يىلنىڭ 4 پەسىلىدە يېگىلى بولىدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسىنى قانداق پىشۇرسىڭىزمۇ تەمى يەنىلا شۇنداق يېيىشلىك بولىدۇ. ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ ئاچچىقلىقى مۇۋاپىق، پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك، لېكىن جەنۇبلۇقلارغا نىسبەتەن سەل تۇزلۇق. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسى يېگەچ پىۋا ئېچىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.  ئاچچىق قورۇلغان سەدەپ قۇلۇلىسىنى، يەرلىك كىشىلەر دائىم بارىدىغان ئاشپۇزۇللارغا بېرىپ يەڭ، بۇ ئاشپۇزۇللاردا ئۇنىڭ باھاسى 12 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى