قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2018-09-14 10:24:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى 3 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشىنى ئۈستىگە ئالغان قىسمەن ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدىكى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بېجىرگۈچى ئورۇنلار ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ بېجىرىش ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت، بېجىرگۈچى خادىمدىن ئىبارەت «ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇرغان.
 يىغىندا تەكلىپ- تەۋسىلەرنى بېجىرىدىغان ئورۇنلاردىن سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى