قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاشۇردى

2018-09-14 10:27:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت لىنىيەسى، ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزۈكسىز ئېچىپ، ساياھەتچىلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاشۇردى.
باش كۈزدە تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئورمان بىلەن قاپلىنىپ، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان رەڭلىك ماي بۇياق رەسىمىگە ئوخشىغاچقا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بوغدا كۆلىنىڭ نامىنى ئاڭلىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەلكەن. كىشىگە مەردانە تەسىر بېرىدىكەن. بوغدا كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، تاغلىرى گۈزەل، سۇلىرى سۈزۈك بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ساياھەت ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر سەپەر بولدى.
بۇ يىل تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈنىگە 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يېشىل تاغ- دەريالارنى كۆكەرتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەچچە يۈز مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 300 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئورمانلارنى، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 2002- يىلدىكى %25 تىن ھازىرقى %41.5 كە، ئوتلاقنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %34 تىن %89 كە يەتكۈزدى. تىيانشان بوغدا كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: سالماقنى يەنىمۇ زورايتىپ، بوغدا كۆلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بايلىق مەنبەسىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدايمىز.
يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى ھەمدە ئەتراپتىكى سەھرا ئارامگاھى، ئاۋۇل ئارامگاھى سودىسىنى جانلاندۇردى. جايلارمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇردى. باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزىسى ئۆز يېرىنىڭ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، 50 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت كوپىراتىپى قۇردى. كانچى يېزىسىنىڭ ئارال كەنتىدىكى نىساگۈل ھەسەننىڭ كىگىز ئۆيىدە ساياھەتچىلەر ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرگەچ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى. نىساگۈل ھەسەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، بىز بىر كۈندە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەرگىنىگە، بىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يەنە مەنزىرىسى گۈزەل تاغ- دەريالارنىڭ بايلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى «باسىدىغان مۇساپە ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش» ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتتىن قىلغان تەسىراتىنى بېيىتتى. بۇرچىن ناھىيەسى قاناس، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆتەڭ بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايراملىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس ساياھەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى بۇرچىن ناھىيەسى ئەلامان يېڭى كەنتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەرــ بۇرچىن تەمى» ئېسىل تائاملار بايرىمىدا، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر گۈلخان كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، ئۆزگىچە ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىۋالغاندىن سىرت يەنە ئىسسىق ھاۋا شارى، كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، مەخسۇس ساياھەتتىن ھوزۇرلاندى. بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ پەقەت بىر كېچىلا تۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتتى. بۇرچىن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ باۋيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇرچىن ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. مەخسۇس ساياھەت كەسپى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك ساياھەتچىلىك كەسپىگە ئايلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە يېڭى كۈچ قوشتى.
شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئارىلىقى نىسبەتەن يىراق. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاۋىئاتسىيە بىلەن ساياھەت» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەندىزىنى قوللىنىپ، ھەر قايسى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى شىنجاڭ ئىچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. بۇ يىل ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كۈندە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 9 قېتىمغا، قاناسقا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 4 قېتىمغا كۆپەيدى. ئالتاي ئايرودرۇمىدىن شىئەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان يولغا قۇيۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى ئايروپورتى يەنە يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتا ئاپتوماتىك تىزىملىتىش، يۈك- تاق ئېلىشتا كۆرۈپ تۇرۇپ ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يولۇچىلار ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىن چىقماي تۇرۇپلا ئايروپىلان ئالمىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى بېجىرەلەيدۇ. شىنجاڭ ئايرودرۇم گۇروھى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى يولۇچىلار مۇلازىمەت بۆلۈمى ئۇلاپ توشۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما يەن مۇنداق دېدى: ئايروپىلان ئالمىشىشتا ئۈچ ئاۋىئاتسىيە بىناسىدا سىرتقا چىقمايلا بىنا ئاتلاپ ئالمىشىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدا يولۇچىلار تېخىمۇ تېز، قولايلىق ئالمىشىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇپ، كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلالايدۇ. 

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى