قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «مەبلەغ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» شىنجاڭ ساياھەت كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2018-09-14 10:41:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايون 9-ئاينىڭ 13-كۈنى «مەبلەغ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» شىنجاڭ ساياھەت كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇقىملىقتىن ئىبارەت «پايدا» نىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە تېز تەرەققىي قىلىشتەك  ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلىك ئىقتىسادى ماكرولۇق ئىقتىسادتا ئومۇميۈزلۈك باشلامچى بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايون ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر قاتار مۇھىم سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭنىڭ ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالى ياخشى، بايلىقى ياخشى، ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى ياخشى بولدى. ھازىر ساياھەتكە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدىشىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى كارخانىلار ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىغا قارشى ئېلىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماقلار سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پايدا» نى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا سىياسەت جەھەتتىكى «پايدا» نى قوشۇپ، قاتلىنىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈزۈم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز بارلىق مەمۇرىي نۇقسانلارنى قەتئىي ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك كاپىتال تەلپۈنىدىغان «مەبلەغ سېلىش ماكانى» غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى