قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قاراماي شەھىرى يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە نېفىت كەسپىنى چۆرىدەپ، نېفىتنى ئاساسىي تېما قىلغان ئۆزگىچە ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلدى

2018-09-14 10:45:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يارداڭ يەر شەكلى «شەيتان كەرەش» مەنزىرە نۇقتىسى بىلەن داڭق چىقارغان قاراماي شەھىرى يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە نېفىت كەسپىنى چۆرىدەپ، نېفىتنى ئاساسىي تېما قىلغان ئۆزگىچە ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلدى.
ساياھەتچىلەر قاراماي شەھىرى «مايبۇلاق» مەنزىرە رايونىنىڭ ياغاچ ئاسما يولىدا، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ماي بولدۇقلاپ چىقىۋاتقان «مايبۇلاق» لارنىڭ ئەتراپىنىڭ تاش بىلەن قورشالغانلىقى ھەمدە كىچىك سازلىقلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ ئۆزگىچە نېفىت گېئولوگىيەلىك مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ساياھەتچى سۇڭ يەندۇڭ مۇنداق دېدى:بۇ قېتىم نېفىت چىقىدىغان «مايبۇلاق» نى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىم. نەزەر دائىرەممۇ كېڭەيدى، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلاندى.                   قاراماي شەھىرىنىڭ نېفىت سانائىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قارامايدا نېفىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كۆرگەزمىخانا، پەن-تېخنىكا سارىيى، قاراماي1- نومۇرلۇق قۇدۇقى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار. ھازىر قاراماي شەھىرى نېفىت ئالاھىدە كەسپىنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ساياھەت كارخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەبىئەت، ئىلىم- پەن، سەنئەت، سانائەت، ساياھەت ۋە قىزىل ساياھەت قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى رۇياپقا چىقاردى. قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جيەن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى نېفىت سانائىتى ساياھەت تۈرىنى يولغا قويىمىز. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن ھەر بىر ساياھەتچى نېفىتنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. بىز نېفىت ساياھىتى، نېفىت مەدەنىيىتى ساياھىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك نېفىت سانائىتى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق قاراماينى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان جۇڭگو نېفىت سانائىتى ساياھەت مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى