قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارغا نۇرغۇن قۇلايلىق ياراتتى

2018-09-14 11:02:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارغا نۇرغۇن قۇلايلىق ياراتتى. ئىككى كۈندىن بۇيان، قۇمۇل «يېڭى ئەسىر»كىيىم تىكىش زاۋۇتى ئىچكىرىدىكى بىر تاشقى سودا شىركىتىنىڭ 60 مىڭ يۈرۈش كاستۇم- بۇرۇلكىنى ئېكسپورت قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىش مۇددىئانامىسىنى تاپشۇرۋالدى. كىيىم تىكىش زاۋۇتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ باۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى» ئارقىلىق بۇ شىركەتنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئىگىلىدۇق. كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ھەمكارلىشىدىغان شىركەتنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولسا بىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز. ھەمكارلىق ئوبيېكتىنى ئويلاشقاندا، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئويلىشىمىز. شۇڭا، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ناھايىتى مۇھىم تۈگۈن ھىسابلىنىدۇ.     
«دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى» شىنجاڭ تارماق سىستېمىسى بۇلتۇر12- ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سىستېما مەملىكەت بويىچە كارخانا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەككە سودا- سانائەتچىلەر قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنى ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش، ئېلان قىلىش، سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، كەسىپنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويىدىغان خىزمەت سۇپىسىگە ئىگە قىلدى. ھازىر قۇمۇل شەھىرىدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى باج، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 39 ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، بىرلىشىپ جازالاشنى يولغا قويدى. قۇمۇل شەھەرلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ پېيجۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قۇمۇل شەھىرىدىكى لەۋزىدە تۇرمىغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 290 كارخانا تىزىملىكى ئەزا ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ «بىردە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ھەممىدە چەكلىمىگە ئۇچرىشى» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار بەش يىل ئىچىدە نورمال تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە بولمايدۇ.        
  قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغاندىن سىرت يەنە ھۆكۈمەت خېرىدار چاقىرىش، نام بېرىش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ھەمدە قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسى لياۋنىڭ يولى تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋېي تېڭفېي مۇنداق دېدى: ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى قانۇنىي ئىگىنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشنى تەرتىپكە سالدى. بۇ سۇپا بانكىلارنىڭ قەرز بېرىشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.  
  بۇ يىل 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى «يىللىق قانۇنغا خىلاپ مەلۇماتى بولمىغان كارخانىلارنى قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى خىزمەت قائىدىسى» نى ئېلان قىلىپ، «خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزگەرتەلەيدىغان» كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىناۋەت دەرىجىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ رېنشې مۇنداق دېدى: كارخانىلار يىللىق مەلۇماتىنى تولۇقلاپ مەلۇم قىلسا ياكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلسا بىز ئۇلارنى قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىمىز. ئەمما، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياكى چىقىرىۋېتىلگەن ئىككى خىل ھالەت كارخانىنىڭ نامىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە كارخانا ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ئاشكارىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ سۇپىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشچانلىققا ئىگە قىلىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى