قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىمالىي شەنشى قىزىل ئارمىيەسى ۋە سوۋېت رايونى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان شيې زىچاڭ

2018-09-14 11:03:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شيې زىچاڭ، 1897- يىلى تۇغۇلغان، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەندىڭ ناھىيەسىدىن. 1925- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
1928- يىلى 5- ئايدا شيې زىچاڭ ۋېيخۇا قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتنىشىپ، غەربىي شىمال ئىشچى- دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئىنقىلابىي ئارمىيە 3- چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىمالىي شەنشى ئالاھىدە كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1930- يىلى شىمالىي شەنشى ھەرىكەت كومىتېتى ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، شىمالىي شەنشى، نىڭشيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا ئەسكەر توشۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
1931- يىلى 10- ئايدا، شيې زىچاڭ، ليۇ جىدەن قاتارلىقلار نەنلياڭ پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن شىمالىي شەنشى پارتىزانلار ئەترىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي شىمال جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنى تەشكىللىگەن، 1932- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى شەنشى - گەنسۇ پارتىزانلار ئەترىتىگە ئۆزگەرتكەن، شيې زىچاڭ باش قوماندان بولۇپ، قىسىمنى باشلاپ، شەنشى - گەنسۇ چېگراسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرغان.
   1933- يىلى يازدا، شيې زىچاڭ چاخار - سۈييۈەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ 81- شىسىغا ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شىجاڭ شۈ چۇەنجۇڭنىڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن. شۇ يىلى 11- ئايدا شەنشىگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىمال تەرەپ ۋەكىلى سۈپىتىدە غەربىي شىمال ھەربىي ئىشلار خاس ۋەكىلى بولۇشقا ئەۋەتىلگەن، ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا شىمالىي شەنشى قىزىل ئارمىيە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ بەش تارماق ئەترىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە قۇرۇپ، ئەندىڭ، يەنچۈەن تايانچ بازىسىنى قۇرغان. 1934- يىلى شيې زىچاڭ جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى شىمالىي شەنشى قىزىل ئارمىيە پارتىزانلار باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قىزىل 26- جۈن 42- شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى غەربىي شىمال ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي شەنشى سوۋېت رايونىغا قاراتقان «قورشاپ يوقىتىش» نى تارمار قىلغان. شيې زىچاڭ ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا كۆپ قېتىم يارىلىنىپ، ھاردۇق يېتىپ، كېسەلچان بولۇپ قالغان. كېيىنچە كېسىلى ئېغىرلىشىپ،1935- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەندىڭ ناھىيەسىنىڭ دېڭجەنۋەن دېگەن يېرىدە 38 يېشىدا ۋاپات بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى