قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقان رېشىتنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، بەختلىك تۇرمۇش قاينىمىغا چۆككەنلىكى توغرىسىدىكى ھىكايىسى

2018-09-14 11:06:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قاغىلىق ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە رېشىت تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ، ھۈنەر ئىگىلەپلا قالماي، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ شېرىن نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. 
2006-يىلى7- ئايدا، 16 ياشلىق رېشىت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاكىسىنىڭ قاڭالتىر پىششىقلاش دۇكىنىغا بېرىپ قاڭالتىر پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ئىككى يىل جاپالىق ئۆگىنىش- مەشىق قىلىش ئارقىلىق، رېشىتنىڭ قاڭالتىر پىششىقلاش تېخنىكىسى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۆمۈر بۇيۇملارنى ئۇزۇن مەزگىل كەپشەرلەش ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمگىكىمگە تايىنىپ ئۆزۈمنى باقالىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەمما، كۆرۈش ئىقتىدارىم تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، دوختۇر كۆزۈمنىڭ ئەمدى كۈچلۈك نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاتا- ئاناممۇ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىمنى توستى.   
رىشىتنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمىدى. ناھايىتى تېزلا ئۇ سۇلياۋ پولاتلىق ئىشىك- دېرىزىلەرنىڭ باھاسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى، قۇراشتۇرۇشنىڭ قۇلايلىق ئىكەنلىكى ھەمدە بازاردا كۆپلەپ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بىر سۇلياۋ پولاتلىق دېرىزە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەمچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەندە ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم. ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگەندىم. ياشلار تىرىشقاندىلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
رىشىت ھۈنەرنى تېزرەك ئۆگىنىش ئۈچۈن، خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ كەتمەي، بىر تەرەپتىن ئۇستازىنىڭ ئىش تەرتىپى بويىچە ئۆزى بىر قېتىم ئىشلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشنىڭ جەريانىنى پىششىق ئىگىلىدى. زاۋۇتتا جىددىي ئىش چىقىپ قالغاندا، رىشىت ئىشتىن چۈشۈپ بولغان بولسىمۇ، ئۆيگە قايتماي تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتداشلىرىغا ياردەملەشتى. رىشىت تىرىشچان ھەم جاپادىن قورقمىغاچقا زاۋۇتتىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇستازى ئۇنىڭغا بەزى ھالقىلىق تېخنىكىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى. رىشىت ئۇستازنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھۈنەرنى پىششىق ئىگىلەپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن رېشىت بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن زاۋۇت مەسئۇلىدىن دۇكان باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ ئىزچىل بىر دۇكان ئېچىش ئويى بار ئىدى. ئىشتىن چۈشۈپلا ئەتراپتىكى دۇكانلارغا كىرىپ، دۇكان ئېچىشنىڭ رەسمىيەتلىرى ۋە تەرتىپىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئويلىدىم.
  رىشىتنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 2011- يىلى 9- ئايدا ئۇنىڭ «سۇلياۋ پولاتلىق دېرىزە ئورنىتىش دۇكىنى» تىجارەت باشلىدى. دەسلەپتە، ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. رىشىت مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ھەر كۈنى ئويغىنىپ تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغان ئىشىم دۇكاننىڭ شۇ ئايلىق ئىجارىسى، سۇ، توك پۇلىنى قانداق تاپشۇرۇش ئىدى. ئەمما، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمغا ئىزچىل ئىشەنچىم كامىل ئىدى.   
  رىشىت ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، ئىشىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشتى. ئۇنىڭ خېرىدارلىرىمۇ ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى، سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇكىنىمدا 4 نامرات كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن دۇكىنىمنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمەن. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى شۇنداق ياخشى. مەن كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، تۇرمۇشىمىزنىڭ جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.    

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى