قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنت ئاھالىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ كارخانىدا ئىشلىدى

2018-09-14 16:09:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى ئېقىنبويى كەنتىدە 202 ئائىلە 869 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە 69 نامرات ئائىلىدىكى 225 نوپۇسقا ئارخىپ  تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بىجىرىلگەن، بۇ ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېغىر يۈكنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نامرات ئاممىنىڭ «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.
خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
 شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن بىرلىكتە چۇڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، بېيىش ماھىرى، پەن- تېخنىكا باشلامچىلىرىنى تەقدىرلەپ، كەنتتىكى بېيىش ماھىرلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئىگىلىك تىكلەش ئاۋانگارتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ بىرگە بىر ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نامرات ئائىلىلەرنى ھاللىق ئائىلىلەرگە بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئارقا تېرەكلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، 69 نەپەر نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچىنى نامرات ئائىلىلەر بىلەن « بىرگە بىر ياردەم بېرىش» بويىچە تۇققان قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى يۈز تۇرانە سۆزلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تەرەققىيات پىكىر يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى، «ئىدىيە جەھەتتە ياردەم بېرىش بىلەن كەسىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى»، «زاكاز بويىچە سېتىپ چىقىرىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بازا ئىشلەپچىقىرىشىنى» بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بېيىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى ۋە نامرات ئائىلىلەرنى پائال ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
نامرات ئاھالە رەيھانگۈل ھەسەننىڭ يېرى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىسى كىچىك بولغاچقا، يولدىشى ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە بىر كىچىك تاللا بازىرى ئېچىپ، ھەر ئايدا تەخمىنەن 2 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئۇ ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشى توغرىلىق توختىلىپ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: «ئىلگىرى تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى، نامراتلارنى يۆلەش- قۇتقۇزۇش پۇلىنىڭ قولۇمغا تېگىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ھازىر جاپالىق ئەمگىكىم ئارقىلىق تاپقان پۇل بىلەن تۇرمۇشۇم ياخشىلىنىپ كەتتى، بۇ يىل چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دېدى.
«دادا، مەن زاۋۇتتا ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىمەن، ئەنسىرىمەڭ، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئىشلەيمىز،  ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىمىز، ۋاسكېتبول ئوينايمىز، شەھەرلىكلەرگە ئوپمۇ ـ ئوخشاش ئۆتىۋاتىمىز، مەن يەنە گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، مائاشىممۇ 3 مىڭ 200 يۈەنگە ئۆستى.....» ئەمەت تۇرسۇن قىزى ئاسىيەم ئەمەتنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ خۇشاللىقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
   خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئارتۇقچىلىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تىزىملىدى، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئاساس ھازىرلاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، توقۇمىچىلىق، ئاشپەزلىك، مۇھىت تازىلىقى، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇددىئانامىسى ئىمزالاپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى كەنتكە بېرىپ تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، تەربىيىلەنگەنلەر سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
كەنت ئاھالىسى ئاسىيەم ئەمەت تۇنجى تۈركۈمدە ئاقسۇ خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشكەن سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان ياش 30 غا يەتتى. نامرات ئاھالە ئېزىز مەمەت تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئاقسۇ «ۋاخاخا» ئىچىملىك زاۋۇتىنىڭ تېخنىكىغا ئايلاندى، ئايلىق كىرىمى 3مىڭ 500 يۈەندىن ئاشتى. ئېقىنبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى رىشىت ھاشىم مۇنداق دېدى: «بىز ئېھتىياجغا قاراپ نامراتلارنى دەل يۆلەش بويىچە تەربىيەلەپ، 69 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىدە ئاز دېگەندە بىردىن ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق».
خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىسىنىڭ قورۇ جايىدىن تولۇق پايدىلانمىغانلىقىنى، كىچىك ئەگمە لاپاس ۋە قوتانلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىكار تۇرغانلىقىنى بايقىدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ناھىيەنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق تارماقلىرىدىكى كەسپىي خادىملارنى كەنتلەرگە كىلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، قورۇ جايلارنى ئىلمىي پىلانلاشقا تەكلىپ قىلدى، ھەر بىر ئائىلىدە پاكىز، رەتلىك ھويلا، ھەر بىر ئائىلىدە بىر پارچە كۆكتاتلىق، ھەر بىر ئائىلىدە بىر توپ ئۆي قۇشلىرى بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىق ئارقىلىق ئورگانىك ئوغۇتقا ئېرىشىشكە، ئورگانىك ئوغۇتتىن پايدىلىنىپ يېشىل كۆكتات ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت  ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ھەل قىلىدىغان ئىككىنچى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىپ، ئاخىرىدا «بازا، كوپىراتىپ ۋە دېھقان» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەندىزە بويىچە كۆكتات تېرىشنى بېكىتتى.
ئارقىدىنلا، خىزمەت ئەترىتى تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە يېقىندىن ياردەملەشتى، كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆز قەرەلىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، «بىر كەنتتە خاس مەھسۇلات بولۇش» تەلىپى بويىچە، 37 نامرات ئائىلىنىڭ ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىش كۆلىمى 15 موغا يېتىپ، ھەممىسىگە جاڭدۇ تېرىلدى.
كۆكتات كوپىراتىپىنىڭ يۈرۈشۈشى بىلەن، بىر تۇتاش مايسا يېتىشتۈرۈش، بىر تۇتاش ئۆستۈرۈش، بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، بىر تۇتاش سېتىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى، ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تارمىقى پۈتكۈل جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىشقا  مەسئۇل بولدى. خىزمەت ئەترىتى نامرات ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۆكتات مايسىسى تولۇقلىمىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ھەر بىر تۈپ كۆكتات مايسىسىغا دېھقانلار بىر مو پۇل چىقارسىلا بولىدىغان بولدى، قالغىنىغا ھۆكۈمەت تولۇقلىما بەردى، بۇ نامرات ئائىلىلەرنى ئەمەلىي نەپگە ئىگە قىلدى.
كوپىراتىپقا ئەزا بولغان نامرات ئاھالە روزى ئالىم خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ئىككى پۇڭ يەردىكى پارنىكنىڭ ھەممىسىگە جاڭدۇ تېرىدىم، بۇ يىل مايسىنى بالدۇر يېتىشتۈرگەنىدۇق، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى ھوسۇلنى يىغىۋالدۇق، كوپىراتىپ ھەر كىلوگرامىنى يەتتە يۈەندىن سېتىۋالدى، ئىككىنچى قېتىملىق كۆكتات ھازىر ئۈزگىدەك بولدى، بۇ پارنىكتىن 2 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، يىل ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، قوشنىلارنىڭ ئالدىدا قەددىمنى كۆتىرىپ يۈرىيدىغان بولدۇم».
ھازىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېقىنبويى كەنتىدە ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بېيىش يولى بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرى غەمدىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرۈيدىغان بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى