قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈنيۈ دەرياسىنى بويلاپ

2018-09-14 16:14:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ غەربكە قارىسا، كۈنيۈ دەرياسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر دەرەخ بىلەن دەرەخ ئارىلىقىدا چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇ خۇددى يۇلتۇزلاردەك چىرايلىق ھەم جانلىق. بۇ يەردە دېيىلگىنى، ئەلۋەتتە سەھەر ياكى كەچقۇرۇن قۇياش نۇرى كۈنيۈ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتكەن ۋاقىت. دەل چۈش ۋاقتى بولغاندا، دەريانىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ، قۇياش جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئوتقاشتەك نۇرىنى سېغىلىق بىلەن چاچىدۇ. بۇ چاغدا دەريا سۈيى جىم- جىت بولۇپ، مەن تۇرىۋاتقان يەردىن قارىغاندا، ئۇ بېيجىڭنىڭ مەيدىسىگە يانتۇ تاقىۋالغان بىر سۇس يېشىل رەڭلىك بەلباغدەك كۆرىنىدۇ.
كۈنيۈ دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە يىخېيۈەندىكى كۇنمىڭ كۆلنىڭ زۇمرەتتەك سۈيى بولسا، ئۇ تەرىپىدە يۈيۈەن كۆلى بويىدىكى ھەيۋەتلىك راۋاقلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بېيجىڭدىن ئىبارەت سۇ كەمچىل پايتەختكە نىسبەتەن، كۇنيۈ دەرياسى شەھەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، بۇ دائىرە ئىچىدىكى ئەڭ نەم جاي. گۇەنتىڭ، مىيۈندىن ئىبارەت ئىككى سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى خۇددى چاپچىپ تۇرغان تايچاقتەك كۈنيۈ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. كۇنيۈ دەرياسىنىڭ رەتلىك دەريا يولىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ تايچاق تىنچ، گۈزەل قىزغا ئايلىنىدۇ. بېيجىڭدىكى سالاپەتلىك ۋە نازاكەتلىك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنى گۈزەل نازىنىنغا ئۆزگەرتىدۇ.
كۇنمىڭ كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا ئىلگىرى پانۇسلار ئېسىلاتتى. بۇ يەردە، كۆلدىكى ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان كارپ بېلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت كەڭ تارقالغان. كۆل ئۈستىدە 17 سۆڭگۈچلۈك ئېگىز كۆۋرۈك بولۇپ، بەلگىلىك بىر ۋاقىتتا، پارلاق قۇياش نۇرى بىرلا ۋاقىتتا بارلىق سۈڭگۈچىدىن ئۆتىدۇ، بۇ كۆۋرۈك لاھىيىلىگۈچىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ،«ئالتۇن نۇرنىڭ تۆشۈك تېشىشى» دەپ نام ئالغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. يەنە بىر تەرىپىدىكى دياۋيۈتەي چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلغان، شىپاڭ- راۋاقلار ئارىسىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە پەيدا بولغان بوران-چاپقۇنلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن تالاي ئىش-ئىزلار، جاھان ئەھلىنىڭ تىللىرىدا داستان بولغان. ئەمەلىيەتتە دياۋيۈتەي ئىلگىرى ھەقىقەتەن بېلىق تۇتىدىغان جاي بولۇپ، بۇ يەردە بېلىق تۇتقان پادىشاھ جىن جاڭزۇڭ ئىدى. جىن سۇلالىسى پادىشاھى ئەي زۇڭمۇ شېئىرىدا بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى ماختاپ: «كەلدىم بۇ جايغا نەچچە رەت، دىياۋيۈتەي ئۆزگۈرۈپتۇ شۇنچە ھەشەمەت» دەپ يېزىپ قالدۇرغان. دېمەك، دياۋيۈتەينىڭ تارىخى يىخېيۈەنگە قارىغاندا ئۇزۇن. كۇنيۈ دەرياسىنىڭ بۇ لېنتىسىدا، دياۋيۈتەي بولسا كۆزنى چاقنىتىدىغان زىننەت بۇيۇمى، يىخېيۈەن باغچىسى پەقەت بىر تال بۇلاپكا ھېسابلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ كۇنيۈ دەرياسى بېيجىڭنىڭ تارىخى ۋە بېيجىڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇردى. جىن سۇلالىسىدىن تارتىپ چىڭ سۇلالىسىگىچە دەريا سۈيى ئۆزگەرمىدى، تاغ ـ دەريالىرى ئۆزگەرمىدى، ئەمما نۇرغۇن شەخسلەر ۋە رىۋايەتلەر دەريا ئېقىنىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا يوقۇلۇپ، ئاخىرىدا مەدەنىيەتنىڭ قېلىن كىتابىنىڭ ۋاراقلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
بىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپ، بېيۋا غەربىي يولىنى كېسىپ ئۆتسەكلا، كۈنيۈ دەرياسىنىڭ بويىدىكى لەنديەنچاڭ يولىغا يېتىپ كېلىمىز. ئىلگىرى بەزىلەر بۇ كوچىنى بېيجىڭدىكى ئەڭ گۈزەل يول دەيتتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭغا يانداشقان گۈزەل كۇنيۈ دەرياسىنىڭ بولغانلىقى. ھاۋا نەم بولغانلىقتىن، بۇ يەردە ئەتىيازدا شاپتۇل چېچىكى ئەڭ بالدۇر ئېچىلىدۇ، يازدا ياغقان يامغۇر تېخىمۇ شوخ ھەم جانلىق بولىدۇ. كۈز كەلگەندە ئۆرۈكنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق ئالتۇنرەڭگە كىرىدۇ. قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، مۇز بىلەن قاپلانغان دەريا يۈزى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ، شىمال شامىلىنىڭ ناخشا ئاۋازىدىن باشقا يەنە، قىشلىق سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرىمۇ بۇ يەرنى ئاۋاتلاشتۇرىۋېتىدۇ. لەندىيەن زاۋۇتى دېگەن ئىسىممۇ شۇنچە گۈزەل ئىسىم بولۇپ، كىشىگە ئوچۇق كۆك رەڭلىك ئاسماننى ئەسلىتىدۇ. بۇ مەنزىرىلەر قوشۇلۇپ، كۈنيۈ دەرياسىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنزىرىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەلىككە ئىگە قىلغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ ئىسىم مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئىكەن، ئوردا بۇ يەردە كۆك ئوت ئۆستۈرۈپ، بوياق ئىشلەپچىقارغانلىقى ئۈچۈن «پاكىزە كۆك رەڭ» دېگەن مەنىدە «لەندىيەن» دەپ ئاتالغان ئىكەن.
بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالى تاغ تىزمىلىرىنىڭ باغرىدا ئىلگىرى دەريا- كۆللەر گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرە بار ئىدى. كۆل بويىدىكى كىشىلەر بارا- بارا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، ئۇنىڭغا «خەيديەن»دېگەن نام بېرىلگەن ھەمدە سۇغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يەر ناملىرى قېپقالغان. مەسىلەن: مەن ھازىر تۇرىۋاتقان جاي «بېيۋا يولى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەينى يىللاردا، بۇ جاي قومۇش گۈلى يەلپۈنۈپ تۇرغان، زۈمرەت سۇلار ئېقىپ تۇرغان بىر پارچە ئويمان يەر بولسا كېرەك، ئۇنى كۈنيۈ دەرياسىغا تۇتاشقان بىر تال مەرۋايىت دىيىشكە بولىدۇ. ئېقىن دياۋيۈتەيگە تۇتاشقان بولۇپ، بۇ ئېقىننىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، ئۇ يەنە جەنۇبقا، شەرققە قاراپ ئېقىپ، ھەممە يەردە تارماق ئېقىنلارنى شەكىللەندۈرگەن. خۇددى شۇنچە كۆپ ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ يالغۇز قېلىشىغا كۆزى قىيمايۋاتقاندەك، ھەمىشە بىلىكى بىلەن بىرەر نەرسىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. جەنۇبتا ئېچيۇ خارابىلىكى بار، ھازىر خارابىلىكلەر يوقالغان بولسىمۇ، يولدىن ئۆتكەندە دائىم قەدىمىي ھېسسىياتنى قوزغايدۇ. شەرققە قاراپ ماڭسىڭىز داڭلىق سۆسۈن بامبۇكلۇق باغ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بۇتخانا، سۆسۈن بامبۇك ھويلىسى بار. ئۇ ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى خانىشىنىڭ يىخېيۈەن باغچىسىغا كېتىۋېتىپ دەم ئالىدىغان يېرى ئىكەن. بۇتخانا ھازىر قايتا سېلىندى، گەرچە تەقلىد قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.  قىزىل بامبۇك ھويلىسىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى ساياھەت كىمىسى پىرىستانىدا، كەچكى شەپەقنىڭ ئاسماندىكى قىزارغان بۇلۇتلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم تىنىچلاندى. بۇ مەدەنىيەت قويۇق بولغان زېمىندا، گۈزەل كۈنيۈ دەرياسى بويىدا، ھەرقانداق بىر كۈچ مېنىڭ قەلبىمنى تەۋرىتەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، مېنىڭ روھىم مەڭگۈ بۇ يەردە دەريانى بويلاپ ماڭىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى