قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىر ۋە بۇغا

2018-09-14 16:16:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئورمانلىقتا، بىر چىرايلىق بۇغا ياشايدىكەن. بىر كۈنى، بۇغا ئۇسساپ، كۆلچەكتىن قانغۇچە شۇ ئىچىپتۇ. كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، ئەينەكتەك پارقىراپ تۇرىدىكەن. بۇغا توساتتىن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنىڭ سۇدا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى سىزىپتۇ: بۇ مەنمۇ؟
بۇغا بەدىنىنى مىدىرلىتىۋىدى، سۇدىكى شولىسىمۇ ئەگىشىپ تەۋرىنىشكە باشلىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بۇ يەردىن ئايرىلىشقا ئالدىرىماي، كۆل سۈيىگە قاراپ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلدى. ئاھ! مەن نىمە دېگەن كېلىشكەن؟ مۈڭگۈزىم نېمىدېگەن نەپىس، خۇددى مارجانغا ئوخشايدۇ.
بۇ چاغدا مەيىن شامال چىقىپ، كۆل سۈيىدە قاتم- قات دولقۇن كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇغا پۇتىنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ ئىختىيارسىز ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ: «بۇ تۆت پۇت بەك نازۇك ئىكەن، بۇ ئىككى چىرايلىق مۈڭگۈزگە قانداق ماس كەلسۇن؟» دەپتۇ.
ئۇ روھسىز ھالدا ئايرىلىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يىراقتىن كەلگەن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ زېرەكلىك بىلەن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپتۇ. توغرا، دەل ئاياغ تىۋىشى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپتۇ، ھەي، بىر شىر ئاستا- ئاستا ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
بۇغا ئىككىلەنمەستىنلا، قېچىشقا باشلاپتۇ. كۈچلۈك ئۇزۇن پۇتى چاتقال ئارىسىدا سەكرەپ ـ تاقلاپ، بىر دەمدىلا ۋەھشىي شىرنى كەينىگە قالدۇرۇپتۇ. شىرنىڭ روھى چۈشۈپ قوغلىغۇسى كەلمىگەندە، بۇغىنىڭ مۈڭگۈزىنى دەرەخ شاخلىرى توسۇۋاپتۇ. شىر دەرھال بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىددەت بىلەن ئېتىلىپتۇ. قوغلاپ يېتىشىشكە ئاز قالغاندا، بۇغا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، كۈچەپ تارتىپ ئىككى مۈڭگۈزىنى شاختىن چىقىرىپ، ئاندىن يەنە ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۇپتۇ. بۇ قېتىم، شىر قوغلاپ يېتىشەلمەپتۇ.بۇغا بىر ئېرىقنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، توختاپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئارام ئاپتۇ. ئۇ ئۇھ تارتىپ: «ئىككى گۈزەل مۈڭگۈزۈم جېنىمنى سېلىپ بەرگىلى تاس قالدى، لېكىن تۆت سەت پۇتۇم  جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى ئەمەسمۇ» دەپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى