قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق رەسىم

2018-09-14 16:18:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جاڭ زېرۈي ئىسىملىك بىر رەسسام بولۇپ، ئۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بىر پارچە رەسىمنى سىزغان ئىكەن. بۇ رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 528 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 24.8 سانتىمېتىر بولۇپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خۇلياڭنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن. بۇ رەسىم 800 يىللىق تارىخقا ئىگە، ھازىر بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ مۇزېيىدا مۇكەممەل ساقلانماقتا.
جاڭ زېرۈي بۇ رەسىمنى سىزغاندا، ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان. پەقەت رەسىمدىكى شەخسلەرلا 500 دىن ئاشىدۇ: يېزىدىن كەلگەن دېھقانلار، كېمە ھەيدەيدىغان كېمىچىلەر، سودا-سېتىق قىلىدىغان سودىگەرلەر، ساقال- بۇرۇتلىرى بار داۋجياۋ راھىبى، جاھان كېزىپ يۈرىدىغان تىۋىپلار، يايما ئاچىدىغان يايمىچىلار، ئەمەلدارلار ۋە ئولىمالار بار بولۇپ، ھەر قايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزىلغان.
رەسىمدىكى كوچا بەك قىزىپ كەتكەن. كوچىدا ھەر خىل ۋىۋىسكا ئېسىلغان دۇكانلار، قاۋاقخانا، چايخانىلار بولۇپ، كوچىدا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان، ھەر خىل قىياپەتتىكى كىشىلەر بار: بەزىلىرى ئات مىنگەن، بەزىلىرى ئەپكەش كۆتۈرگەن، بەزىلىرى ئېشەك يىتلىگەن، بەزىلىرى غالتەك ھارۋا ئىتتىرگەن، بەزىلىرى كوچىدا لاغايلاپ يۈرگەن. سۈرەتتىكى بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بىر سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، بەزىلىرى ھەتتا سېرىق پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا. رەسىمدىكى ئادەملەرنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، ھەممە ئادەم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، ھەممىسنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەڭ قىزىقارلىقى كۆۋرۈكنىڭ شىمالىدىكى مەنزىرە: بىر ئادەم ئاتقا مىنىپ، كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا قاراپ ماڭغان. ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان تەختىراۋانغا ئۈسۈۋالغىلى تاس قالغان. دەل مۇشۇ جىددىي پەيتتە، ھېلىقى پادىچى ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ، ئاتنى يانغا تارتقاچقا، ئۇ تەختىراۋانغا ئۈسۈۋالمىغان. بىراق، ئاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىككى تەخەينى قۇرقۇتۇپ، ئۈركىتىۋەتكەن. كۆۋرۈك رېشاتكىسى يېنىدا تۇرۇپ مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغان ئادەمنى ئېشەك چۆچۈتىۋەتكەن، قاراڭ، جاڭ زېرۈي سىزغان رەسىم نېمىدېگەن جانلىق ھە!
«بيەنخې ۋادىسىنىڭ چوكانتال مەۋسۇمىدىكى مەنزىرىسى» ناملىق بۇ رەسىم بىزگە 800 يىل بۇرۇنقى قەدىمقى پايتەختنىڭ قىياپىتىنى، ئەينى چاغدىكى ئاددى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى