قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غايىۋى ماكان ۋە يىپەك يولى

2018-09-14 16:20:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ زىجىن

يىپەك يولىنى تەكشۈرۈش، چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھازىرقى جەمىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەدەنىيەت تېمىسى. تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كىشىلەر جاڭ چيەننىڭ يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى، يىپەك يولىنىڭ كۆپلىگەن لىنيەلىرى مۇرەككەپ قاتناش قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئىلىم ساھەسىدىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. سىچۈەن بىلەن يىپەك يولىنىڭ ئالاقىسى ئاللىقاچان جاڭ چيەننىڭ خەن ۋۇدىغا سۇنغان «خەسسە ۋە بامبۇك ھاسسىسى» ھەققىدىكى دوكلاتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان بولۇپ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق. ئەمما، سىچۈەننىڭ يىپەك يولىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت رولىنى كونكىرىت چۈشەندۈرۈش، يەنىلا ئىلىم- پەن ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى تېما. «يىپەك يولىنىڭ روھى: غايىۋى ماكان ۋە يىپەك يولى» ناملىق ئەسەردە يېڭىچە كۆزقاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇمۇ ھەم بىزنى يېڭىچە تەپەككۈر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ۋاڭ رېنشياڭ «يىپەك يولىدىكى جىنچېڭ» دېگەن ئەسىرىدە سىچۈەنلىكلەرنىڭ پىلە قۇرتى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن «لېي زۇ» نىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تەلىم ئالغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، قەدىمىي سىچۈەندە «پىلىچىلار» دېگەن نامنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە توختالغان. يىنشاڭ چىغىناق يېزىقىدىكى «شۇ» دېگەن خەت شەكلىنىڭ «چەن» (يەنى يىپەك) دېگەن خەت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇلارنى «سەنشىڭدۈيدىكى برونزا ئادەمنىڭ تىك تۇرغان ھەيكىلى» گە بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا «قەدىمقى دەۋرىدە يىپەك مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، سىچۈەنلىكلەرنىڭ كەشتىچىلىك ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ». لاۋگۈەن شەنخەن قەبرىسدىن توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە توقۇمىچىلارنىڭ ھەيكەللىرى قېزىۋېلىنغان. بۇ «چېڭدۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى يىپەك توقۇمىچىلىق سانائىتى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ». بۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىڭدۇنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كەشتىچىلىك شەھىرى ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى. نەزەرىيىچىلەر ھەتتا شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم يول بۆلەكلىرىدىن قېزىۋېلىنغان «تاۋنەنچياڭ» قاتارلىق يىپەك بويۇملىرىنىمۇ «سىچۈەن يىپەكلىرى» دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەشتىلەنگەن يېزىقمۇ سىچۈەن تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
خېشى خەنجيەن ماتېرىياللىرىدا «گۇاڭخەن» دىن ئىبارەت ئادەم نامى ۋە يەر نامىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. «گۇاڭخەن» نى ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئېڭى ۋە مىللىي ئاڭنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئالاھىدە بەلگە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. خېشى رايونىدا قېزىپ چىقىرىلغان «گۇاڭخەن»، سىچۇەندىكى يەرلىك توقۇمىچىلىك مەھسۇلاتى «گۇاڭخەن 8- دەرىجىلىك رەخ» نىڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، بۇ نۇقتا يىپەك يولى تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.
«گۇاڭخەن» خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋىلايەت بولۇپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قارىمىقىدا «گۇاڭخەن» ناھىيەسى بار ئىدى. گۇاڭخەن ئىلگىرى ئوردىدىكى مۇھىم قول سانائەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان. تارىخىي كىتابلاردا «ئاساسلىقى ئالتۇن ـ كۈمۈش ئەسۋابلىرى سىر بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىراتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. خېشىنىڭ «گۇاڭخەن 8-دەرىجىلىك رەختى» دېگەن ماقالىسى بىزگە بۇ يەرنىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋزەل يەرلىك ماركىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
سىچۇەندىكى توقۇلما بۇيۇملار بىلەن يىپەك يولىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تونۇشنى جاڭ چيەننىڭ سەپىرىدىكى تيەنخېدا توقۇمىچى قىزنىڭ «تىرەك تېشى» نى كۆرگەن رىۋايەتلىرى ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. جاڭ چيەن غەربكە سەپەر قىلغاندىن كېيىن سىچۈەنگە قايتقان ئىزنالىرى بار. «تارىخىي خاتىرىلەر» دە: جاڭ چيەن خەن ۋۇدىغا «غەربىي شىيا خەن سۇلالىسىدىن 2 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر شېندو دۆلىتى يەنى غەربىي شىيا دۆلىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، بۇ يەردە سىچۈەننىڭ مەھسۇلاتلىرى بار ئىكەن. قارىغاندا سىچۈەندىن ئانچە يىراقتا ئەمەسكەنمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن. دېمەك، جاڭ چيەن خەن ۋۇدىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، سىچۇەننىڭ يىبىن دېگەن يېرىدىن يولغا چىقىپ، «شېندۇ» ئارقىلىق، «غەربىي شىيا» غا بېرىش يول يۈرۈش لىنىيەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قاتناش يولىنى ئېچىش. جاڭ چيەننىڭ «سال» ھېكايىسىدە، «ساياھەتچى بىلەن گەپ تالىشىش» ھەققىدىكى رىۋايەتنى سىچۈەنلىك يەن جۈنپىڭ سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما، كېيىنكى سىچۈەن ئۆلكىسىدە كەڭ تارقالغان «تېرەك تېشى» ھېكايىسى سۇڭ جۇمۇنىڭ «فاڭشېڭ ھەققىدە»، سۇڭ لۇيوۋنىڭ «كونا ئىلىم خاتىرىسى»، مىڭ لۇ شېننىڭ «چيەنشەن تېغىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرە»، چىڭ خانىنىڭ «كۆلنىڭ شىمالى قىسمىدا پاراڭلىشىش» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردە يېزىلغان. بۇ ھۆججەتلەر سىچۈەن بىلەن يىپەك يولى مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي خاتىرىسىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ.
تەتقىقاتچىلار سىچۈەن يىپەك يولى قاتنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن قەدىمىي يولنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە، «لۇڭشۇ قەدىمىي يولى» بىلەن «ئېگىزلىك يىپەك يولى» ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. دۇنخۇاڭ ماچۈەنۋەن خەنجىيەندە «چۈلۇشى»، «جىشۇ» دېگەن خەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: «سىچۈەن» دېگەن سۆز قاتناش مەنزىلىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەردە خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «سىچۈەن» بىلەن گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭدىن ئىبارەت بۇ يىپەك يولى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئارىسىدا، ئەينى ۋاقىتتا بېكىتىلگەن قاتناش ئالاقىسى بولغان.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە توقۇلغان توقۇلما بويۇملارنىڭ ئۆلچىمى 7-، 8-، 9-، 10- دەرىجە دېگەن ناملار بىلەن ، توقۇلما بويۇملارنى تۈرگە ئايرىغان. بۇ ھازىرقى زامان توقۇلما بويۇملىرىنىڭ تالا سانىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق تەننەرخ ۋە سۈپەت جەھەتتىكى پەرقنى ئىپادىلەيدۇ. خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قانۇندا ئېيتىلغان «ئىككى يىللىق پەرمان، كىبۇ قانۇن» غا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت «ئەمگەككە سېلىنىدىغان جىنايەتچىلەر» گە تەمىنلەيدىغان كىيىملەر 8-، 9- دەرىجىلىك رەخلەردىن تىكىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇداپىئە لەشكەرلىرىنىڭ لەشكىرىي فورمىسىمۇ «7-، 8- دەرىجىلىك رەخت» لەر بىلەن تىكىلگەن. خېشى توقۇلما ماللىرى بازىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، «7-، 8- دەرىجىلىك رەخت» نىڭ باھاسى بىر قەدەر ئەرزان ئىكەن. شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، سىچۇەن بىلەن يىپەك يولى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە يالغۇز «سىچۈەن يىپەكلىرى» نى تەمىنلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى جەمىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
«غايىۋى ماكان ۋە يىپەك يولى» ناملىق كىتابتا «روھ» دېگەن تېما گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىز شۇنى ھېس قىلدۇقكى، تۈزگۈچىلەر يىپەك يولى روھىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن يىپەك ئىشلەپچىقىرىش كەشپىياتى ۋە قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يىپەك يولى تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ھېس قىلغىلى بولىدىغان قەھرىمانلىق ۋە ئېكسپېدىتسىيە روھى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىناقلىقى ۋە مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىلىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش ھېسسىياتى بىزنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. «يىپەك يولى روھى» غا كىرگۈزۈلگەن گۇاڭخەن سەنشىڭدۈيدىن چىققان دېڭىز قۇلۇلىسى، چېڭدۇنىڭ لاۋگۇەن تېغىدىن قېزىۋېلىنغان رەڭلىك يىپەك، توقۇمىچىلار ھەيكەللىرى، چېڭدۇ ماجيا بازىرىدىن تېپىلغان دۇمباق چېلىۋاتقان تۆگىنىڭ رەسىمى بار خىش، چېڭدۇدىكى 611 قەبرىسىدىن چىققان قاناتلىق ئىلاھ ساپال بۇيۇملار تەگلىكى قاتارلىق بۇيۇملار تېپىلدى بۇ ئاكتىپ مەدەنىيەت روھىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ دەلىل- ئىسپاتى.
«غايىۋى ماكان ۋە يىپەك يولى» ناملىق ئەسەر نەپىس لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇسلۇبى ساپ، بېسىلىشى ياخشى، بېزىلىشى نەپىس، بىز ئوقۇپ ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان، قەدىمكى مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيىدىغان نەشرىياتلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى