قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يولۇچى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىش سەۋەپلىك باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويسا، شوپۇرنىڭمۇ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا

2018-09-14 16:23:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يولۇچى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقاندا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان توكلۇق ۋېلىسپىت مىنگۈچى بۇ ئىشىككە سوقۇلۇپ كېتىپ يارىلانسا، ئىلگىرى بۇنى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقۇچىنىڭ مەسئولىيىتى دەپ قارايتتۇق. ئەمما، نۆۋەتتىكى بۇ دېلو مىسالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئىشتا شوپۇرنىڭمۇ ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقۇچى بىلەن بىرلىكتە، مۇناسىپ نىسبەت بويىچە يارىدارغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
  2015- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى فاڭ X كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ جاۋ X نى ئېلىپ سانجى شەھىرىنىڭ ياشلار يولىدا كېتىۋىتىپ، بىر چوڭ تاللا بازىرى ئەتراپىغا كەلگەندە ئاپتوموبىلىنى يول بويىغا توختاتقان. جاۋ X ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرەپتىكى سول ئىشىكىنى ئېچىشىغا، توكلۇق ۋېلسىپىت مىنىپ دەل بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۇ خانىم ئاپتوموبىل ئىشىكىگە سوقۇلۇپ كېتىپ يارىلانغان، ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىغان.
  كېيىن قاتناش ساقچى تارماقلىرى فاڭ X بىلەن جاۋ X بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، سۇ خانىمنىڭ بۇ ئىشتا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوق، دەپ بىكىتكەن.
  سۇ خانىم فاڭ X بىلەن تۆلەم ئىشىدا بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن، فاڭ X ، جاۋ X ۋە ئاپتوموبىل سۇغۇرتىلانغان سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى، ئىشقا دەخلى يېتىش ھەققى، كۈتۈنۈش ھەققى، قاتناش ھەققى، تاماق ھەققى ۋە روھىي تۆلەم قاتارلىقلار ئۈچۈن جەمئىي 132 مىڭ 600 يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
  سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىغان: فاڭ X نىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختىتىشى بۇ ئىشنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل سەۋەبىدىن زىيان كېلىپ چىقىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن يولۇچىغا ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە ئىھتىيات قىلىشنى سەمىگە سېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان. شۇڭا، سۇ خانىمنىڭ جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىشىغا قارىتا قوشۇمچە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى جاۋ X بىلەن فاڭ X نىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا ئاساسەن، جاۋ X نىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى %60، فاڭ X نىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى %40 قىلىپ بېكىتكەن.
  بۇ دېلونى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان سوتچى مۇنداق دەپ قارىدى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش سەۋەپلىك ئادەم يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى كۆپىنچە، قارشى تەرەپ ۋېلىسىپىت ياكى توكلۇق ۋېلىسىپىت ھەيدىگەن ئەھۋالىدا يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، ۋېلىسىپىت ياكى توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئادەم ئادەتتە بۇنى ئاۋاز ئارقىلىق ھېس قىلالمايدۇ. شۇڭا، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختىشى، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولىدا توختىغاندا، قاتناش ۋاستىسىگە ئولتۇرغۇچىلار بىردەك ئوڭ تەرەپتىن چۈشۈشى كېرەك. قاتناش بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەيلى شوپۇر ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇچى بولسۇن، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقاندا ئېھتىيات قىلىشى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقاندا ئاپتوموبىل يېنىدا باشقا ئاپتوموبىل ياكى پىيادىلەرنىڭ يوقلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى ھەمدە ئىمكانقەدەر ئۆز ئارا ئەسكەرتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى