قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق ـ تەلەپ 1- سوت كوللىگىيىسىنىڭ سوتچىسى ھاۋاگۈل توختى

2018-09-14 16:30:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1- سوت كوللىگىيەسىنىڭ سوتچىسى ھاۋاگۈل توختىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. بۇ 30 يىل جەريانىدا ئۇ ئىزچىل قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەلۋەتتە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەشۋىقات كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھاۋاگۈل توختى 1989- يىلى 1- ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. ئۇ قانۇن كەسپىدە ئوقۇمىغاچقا، نۇرغۇن مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش قارارغا كەلدى. 1990- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە بولغان بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئۇ خىزمەت قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن قانۇن بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئۆگەنسە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئوقۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى. بىر كىتاب بىر كىتاپتىن، بىر بەت بىر بەتتىن قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ئۆگەندى.      ھەر خىل ئىمتىھانلارغا قاتناشتى. شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى مۇجىمەل قانۇن بىلىملىرى ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ناھايىتى چۈشنىشلىك، ئېنىق بىلىنىشكە باشلىدى. ھاۋاگۈل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قانۇن كەسپىنىڭ ئالىي تېخنىكوم ۋە تولۇق كۇرس دىپلومىنى ئالدى.
  2008- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى كۆكتاغ رايونى بىلەن سانجى ئوبلاستىنىڭ بۇرۇنقى مىچۈەن شەھىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى قۇرۇلدى. بۇ ئىككى جايدىكى سوت مەھكىمىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قوشۇۋېتىلدى. بۇ ئىككى سوت مەھكىمىسى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، دېلو سانى نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. سوتچىلارنىڭ دېلو بېجىرىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىق تۆلىمى دېلوسىدا، ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ھەيدىگەن ياڭ X بىلەن جاۋابكار ئا X ھەيدىگەن پىكاپ سوقۇلۇپ كېتىپ، ياڭ X نىڭ تال، ئاشقازان ئاستى بېزى يېرىلىپ، قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى. كېيىن ئۇ 8- دەرىجىلىك ۋە 10- دەرىجىلىك مىيىپ دەپ بىكىتىلدى. ياڭ X سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، جاۋابكار ئا X ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يەنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋە سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئۆزىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش ھەققى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، روھىي تۆلەم پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك خىراجەتلەر ئۈچۈن جەمئىي 120 نەچچە مىڭ يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھاۋاگۈل بۇ دېلونى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، دەۋاگەر ياڭ X ھاۋاگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ، سوتچىنى ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ھاۋاگۈل ئۇنىڭدىن بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ، سىزمۇ ئۇيغۇر، جاۋابكار ئاكا- ئۇكىلارمۇ ئۇيغۇر، سىلەر ھەممىڭلار بىر مىللەت، سىز چوقۇم ئۇلارغا يان باسىسىز. شۇڭا، سىزنىڭ بۇ دېلونى بىجىرىشىڭىزدىن مەن خاتىرجەم بولالمايمەن، دېدى. ھاۋاگۈل بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا دەرھال ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ دېلونى چوقۇم قانۇن بويىچە بېجىرىدىغانلىقى، قانداق قىلىش كېرەك بولسا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە ياڭ X كە: ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، ھۆكۈم نەتىجىسى چىققاندا، نەتىجىدىن قايىل بولمىسىڭىز، ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىڭىزمۇ ياكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېدى. ھاۋاگۈل ئۇنىڭغا تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، دەۋاگەر قايتىپ كەتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن جاۋابكار ئا X ھاۋاگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭغا ھۆكۈمدە تۆلەم پۇلىنى ئازراق بىكىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھاۋاگۈل ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سوتچى ئىكەنلىكى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
  ئۇزاق ئۆتمەي، دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ھۆكۈمدە، قانۇن بويىچە بۇ ئاكا- ئۇكا ۋە سۇغۇرتا شىركىتى ياڭ X كە 110 نەچچە مىڭ يۈەن ھەق تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلدى. ھۆكۈمنامىدىكى ماددىلارنىڭ بىر- بىردىن ناھايىتى ئېنىق يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئىككى تەرەپ ھۆكۈم نەتىجىسىنى ناھايىتى ئادىل بولدى دەپ قاراپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنمىدى. دەۋاگەر ياڭ X ئۆزىنىڭ قوپاللىقى ئۈچۈن ھاۋاگۈلدىن كەچۈرۈم سورىدى.
  ھاۋاگۈل ھازىر مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر مۇنەۋۋەر سوتچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر يىلى 300 گە يېقىن دېلوغا قاراپ چىقىدۇ. ئۇ خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى سوتچىلارنىڭ ئىچىدە دېلو بېجىرىش مىقدارى جەھەتتە ئىزچىل ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىجىرگەن دېلولارنىڭ مۇرەسسەگە كېلىش نىسبىتى %65 دىن يۇقىرى بولۇپ، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىرى يوق. قايتا سوت قىلىش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، سوت ئاچىدۇ، سىرتقا چىقىپ تەكشۈرىدۇ، دېلو ھۆججىتىنى يەتكۈزىدۇ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، ھۆكۈمنامە يازىدۇ، خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئائىلىسىدىكى ئىشلارغا ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشىغا دائىم دېگۈدەك كۆڭۈل بۆلەلمەي قالىدۇ. بەزىدە سىرتقا كاماندىروپكىغا چىققاندا، بالىسىنى ھەتتا ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ماڭىدۇ. 2015- يىلى 10- ئايدا، ئۇ ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئاياللار كېسىلى بويىچە ئىككى قىتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. دوختۇر ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە بىر ئاي ئارام ئېلىشنى تاپىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھاۋاگۈل ئوپېراتسىيە قىلىپ 10 كۈندىن كېيىن يەنە سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ داۋاملىق خىزمەت قىلدى. ئۇ، ئامال يوق، يىل ئاخىرى بولاي دەپ قالدى، مەن بىجىرىشقا تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن دېلولار بار، دېدى. شۇ يىلى، ئۇ بىر يىلدا 283 دېلونى بېجىردى.
  ھاۋاگۈل ئۇدا بەش يىل خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس»، «دېلو بېجىرىش ماھىرى» دەپ نام ئالدى. 2015- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن «ئادالەت يۇلتۇزى»، «ئۈنۈم يۇلتۇزى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا مۇيەسسەر بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى