قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەندۇلىلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-09-14 16:40:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ئىليار سېيىتنىياز، ئارشاڭ ناھىيەسى كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەندۇلىلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئىليار سېيىتنىيازنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلدى: شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تارىختا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق قۇرغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق يېڭى مەزگىلگە كىردى.
ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى جۇڭگو زېمىنىدىن ئايرىپ چىقىش غەرىزىدە بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە ئالداپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي، كەسكىن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، شۇنداقلا بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دا، پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ئىپادە بىلدۈرىمەنكى، مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، كومپارتىيە ئەزاسى، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن.
بىز شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ» نى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشىمىز، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل بولغان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئالدىدا، چوقۇم مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىمىز كېرەك. مەن ھەر دائىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەرىكىتىمنى تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە كاللامنى ئالاھىدە سەگەك تۇتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكەتتە ئالاھىدە قەتئىي بولىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتتا ئالاھىدە سەمىمىي بولىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن.
مەندۇلىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلدى: شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندىكى بىر ئەزا بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. بالىلىق چېغىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، مېنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىن نۇرغۇن دوستۇم، ساۋاقدىشىم ۋە خىزمەتدىشىم بار بولۇپ، بىز ئوخشاش بىر چوڭ ئائىلىدە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلدۇق، بىز ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت ئورناتتۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، قان- قېرىنداشلارچە چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتتى. مەن پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاش كېرەك. ھەر مىللەت قېرىنداشلار قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پائال ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى چۈشىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سېپىگە قوشۇلۇپ، ھەر ۋاقىت كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش جىنايى سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئاممىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىگە يول قويمايمەن. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرىشىمىز كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى ئۇتىدىغان، ئاممىنى تالىشىدىغان، بازىنى تالىشىدىغان بىر مەيدان ھايات- ماماتلىق كۈرەشتۇر. بىز بۈگۈنكى خاتىرجەم كۈنگە پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئېرىشكەن، بىز چوقۇم مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي چەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرمىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىدىغانلا بولسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى