قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى

2018-09-14 19:44:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىلادىۋوستوك، 12- سېنتەبىر تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لو جۈن، خاۋ ۋېيۋېي). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى. 

 شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن، يېقىندا ياپونىيەدىكى كانساي رايونى بىلەن خوككايدونىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەيفېڭ بورىنى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى ۋە مال- مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ھەم رايون مۇھىم دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو- ياپونىيە تىنچلىق- دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، باش ۋەزىر ئابې شىنزو بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كۆپ قېتىم ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتى نورمال يولغا چۈشۈپ، تەرەققىياتنى ياخشىلايدىغان مۇھىم پۇرسەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز داۋاملىق بىر نىشاننى كۆزلەپ ئىلگىرىلەپ، ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى ساقلاپ ۋە تېخىمۇ ياخشىلاپ، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭىدىن تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- ياپونىيە ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆت سىياسىي ھۆججەتكە باشتىن- ئاخىر رىئايە قىلىپ ۋە ئەمەل قىلىپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي باشقۇرۇشى ۋە تىزگىنلىشى، بولۇپمۇ ياپونىيە تەرەپ تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پائال ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك. بىز ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يېڭى سۇپا ۋە تەجرىبە ئېتىزى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىشنى، يېڭى يارقىن نۇقتا يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى تەرەپ رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن ئاسىيا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوغدىشى، ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەلئارا دوستلۇق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭىچە دەۋر مەزمۇنى ئاتا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. 

 ئابې شىنزو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنىڭ تەيفېڭ بورىنى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئابې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە قاتنىشىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىمۇ ياپونىيەگە ئاكتىپ ۋە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر ياپونىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتى نورمال يولغا قايتىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياپونىيە تەرەپ پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياپونىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. شۇڭا ياپونىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا دوستلۇقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. تارىخ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە، ياپونىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ھۆججەتلىرىدە بېكىتىلگەن مەيداندا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

 دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى