قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى فاڭ رۈيچىننىڭ پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىغانلىق ھىكايىسى

2018-09-15 20:00:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئېرجىخې چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى «خاۋجۈن» باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى فاڭ رۈيچىن ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇ يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى بىلەن «يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۈرۇش» تەك دەۋر كۈيىنى ياڭراتتى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، فاڭ رۈيچىننىڭ كەيپىياتى ياخشى بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلغان 1 مىڭدىن كۆپرەك ئانگۇس كالىسىنى سېتىۋېلىش توغرىلىق خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇۋالدى. ئاتاق ئوغلى جىلىقاغان مۇزىيىنى ياخشى باھادا ساتتى. ئېرجىخې چارۋىچىلىق فېرمىسى كونا شامال ئېغىزى دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن فاڭ رۈيچىننىڭ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھويلىسى ياپيېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. فاڭ رۈيچىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە سانجى شەھىرىنىڭ ئەرليۇگۇڭ بازىرىدا پەن- تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولغان بولۇپ، 1997- يىلى 4- ئايدا، 23 ياش ۋاختىدا بۇ يەرگە كېلىپ يىغىنىغا قاتناشقاندا، بىكار تۇرغان كەڭ شورلۇق يەرنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە شۇ ھامان كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش ئويى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن فاڭ رۈيچىن شۇ يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھۆددىگە ئالغان بېلىق كۆلچىكىنى سېتىۋېتىپ بۇ يەرگە كېلىپ، يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە ئۆگەنگەن ئېتىز- ئېرىق، سۇچىلىق كەسپىي بىلىمىگە تايىنىپ، 30 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان- چارۋىچىنى يېتەكلەپ، كۆچەت تىكىشنى باشلىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كەلگەن چاغدا، بۇ يەرنىڭ ھەممىسى شورلۇق يەر ئىدى، بوران كۈچلۈك چىقاتتى. بۇ يەردە زەيكەش چېپىپ، كۆلچەك ياسىدۇق، شۇ چاغدا بىر قات يۈز تېرەممۇ چۈشۈپ كەتتى. ئاندىن ھەر كۈنى كۆچەت تىكىپ، ئۇدا ئالتە يىل كۆچۈپ تىكتۇق، قۇرۇپ كەتسە، ئورنىغا يەنە تىكتۇق. 3 مىڭ مو يەرگە جەمئىي 410 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكتۇق. قاراڭ ھازىر سايە تاشلاپ تۇرغان ياپيېشىل دەل- دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يىلى تىككەن كۆچەتلەر.
بوران ئېغىزىدىكى ياپيېشىل دەرەخلەرگە قاراپ، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلار فاڭ رۈيچىننىڭ غەيرەت- شىجائىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەشنى قارار قىلدى. فاڭ رۈيچىن يۇرتداشلارنى باشلاپ بوز يەر ئېچىپ ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىدى. يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارغا ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش، گازىر تاۋۇزنى تېرىشنى ئۆگەتتىم، 2001- يىلىدىن باشلاپ، بىز يەنە غاز، كالا، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللاندۇق.
فاڭ رۈيچىن يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى يىلدا ئاۋسترالىيەدىن ئانگۇس كالىسىنى كىرگۈزدى. بۇ خىل كالىنىڭ جۇغى چوڭ، گۆش سۈپىتى ياخشى ئىدى، مۇزىيىنىمۇ يەرلىك قۇرامىغا يەتكەن بىر كالىنىڭ باھاسىدا ساتقىلى بولاتتى. شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ئانگۇس كالىسىنىڭ بازار ئىستىقبالىنى كۆرۈپ، ئانگۇس كالىسىنى باقتى. جېلىقاغان ئەسلىدە كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، كىچىكىدىنلا فاڭ رۈيچىن بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئانگۇس كالىسى باقمىچىلىقىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقىنىمغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئۇ ئانامغا ئوخشاش. ئۇنىڭ ياردىمىدە، ھازىر 600 قويۇم بار، 60 كالام بار بولدى. بىز ھازىر بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەن پۇل تاپىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فاڭ رۈيچىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە «نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگىسى»، «8- مارت قىزىل بايراقدارى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلسا، بۇ ھايات بىھۈدە ئۆتۈپ كەتمەيدىكەن. مەن ئۆزۈم توغرا دەپ تاللىغان ئىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، چوقۇم بىر باشقا ئېچىقماي قويمايمەن. مېنىڭچە، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلالىسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى بەخت.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى