قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىدىكى كۆزنەككە ئايلاندى

2018-09-15 20:17:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىدىكى كۆزنەككە ئايلاندى.
گەرچە چۈشتىن كېيىن بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا نۇرغۇن ساياھەتچى ئۆچرەتتە تۇرۇپ، مۇزىيغا كىرىشنى كۈتىۋاتقانىدى. چوڭ زالدا، تيەنجىندىن كەلگەن ليۇ ئەپەندى VR رەقەملىك تېخنىكىسى ئارقىلىق، قىزىل مىڭئۆينى كۆردى. كۈسەن تام رەسىملىرى ۋە نەپىس يىپەك توقۇلما بۇيۇملاردىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ مۇخبىرغا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تۇنجى بېكىتىنى مۇزىيغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇزىينى ئېكىسكورسىيە قىلىپ، كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭدا زادى نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى، قەيەرگە بېرىپ ساياھەت قىلسام بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىي ھەر كۈنى 8 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىكەن.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان 5 مىڭدىن ئارتۇق تاش قورال، مىس بۇيۇملار، ئالتۇن- كۈمۈش بويۇملىرى، تاش قىيا رەسىملىرى، بالبال قاتارلىق يايلاق مەدەنىيىتى يادىكارلىقلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ساياھەتچىلەر 130 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ساياھەتچى مىن چاۋشيەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن مۇزىيغا كېلىپ، قەدىمكىلەرنىڭ مىس يارماقلىرى، بالباللارنى كۆردۈم. يەنە قەدىمكىلەر ئىشلەتكەن جابدۇقلارنى كۆرۈپ، بورتالانىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە شەھەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بۇ مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۆچەك شەھىرىدە، ھەر خىل ئاككوردىيونلار تىزىلغان بىر مۇزىي بار. باشقا جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ مۇزىيدا ئوخشاش بولمىغان يىللاردىكى، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئاككوردىيوندىن 300 نەچچىسى كۆرگەزمە قىلىنغان. شىئەندىن كەلگەن ساياھەتچى شيۇڭ چاڭشۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى مۇزىيدىكى چۈشەندۈرگۈچى خادىمغا ئەگىشىپ، مۇزىيدا كۆرگەزمە قىلىنغان تۈرلۈك ئاككوردىيونلارنى كۆرۈپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: چۆچەكتە مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئاككوردىيون كۆرگەزمە ئورنى بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، باشقا رايونلاردىمۇ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بەكمۇ ھاياجانلاندىم. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى