قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق

2018-09-15 21:16:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

- يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچى ۋاڭ جىسەينىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

 

 

سۈرەتتە: ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن كەيشەن ئارىلىنىڭ ئەڭ شەرقىي تەرىپىدە دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە (2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تارتىلغان). 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭفوتوسى)

 

 يولداش ۋاڭ جىسەي 32 يىل ئارالنى، ۋەتەننى قوغداپ، قىلچە ئۆكۈنمەي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى ياراتتى. بۇ خىل ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  - جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش- پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى


  1986- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، ۋاڭ شىخۇا كەيشەن ئارىلىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ «دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن» ئېرىنى ئىزدىدى، بىراق ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، ئۈستبېشى مەينەتچىلىككە تولغان بىر «ياۋايى ئادەم»نىلا تاپالىدى.

  ۋاڭ شىخۇا ئاچچىقى كېلىپ: «باشقىلار قوغدىمىغان ئىكەن، بىزمۇ قوغدىمايلى!» دېدى.

  «ياۋايى ئادەم» مۇنداق دېدى: «كەتسىڭىز ئۆزىڭىز كېتىڭ، مەن قېلىشنى قارار قىلدىم!»

  ۋاڭ شىخۇا كەتتى، «ياۋايى ئادەم»نىڭ يۈرىكىدىن قان ئاقتى.

  بىر ئاي بولمايلا، ۋاڭ شىخۇا يۈك- تاقلىرىنى ئېلىپ، يەنە ئارالغا كەلدى.

  شۇ پەيتتىن باشلاپ، ۋاڭ جىسەي ئارالنى قوغدىدى، ۋاڭ شىخۇا ئېرى تاكى تىنىقتىن قالغۇچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى!

  كەيشەن ئارىلىدىكى «ۋاڭ كەيشەن»، كىشىلەر ئارالنى قوغدىغۇچى ۋاڭ جىسەينى يېقىملىق قىلىپ شۇنداق ئاتايتتى.

  32 يىل، بىر سۇ كۆلچىكى، ئۈچ كۈچۈك، تۆت ماياك، بوران ئېگىۋەتكەن ئون نەچچە تۈپ كۇلەن دەرىخى، بايراق چىقىرىشتا ئىشلىتىلگەن 200 نەچچە كونىراپ كەتكەن دۆلەت بايرىقى ۋاڭ جىسەينىڭ ئارالنى قوغداش يىللىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى ۋە مەزمۇنى ئىدى.

  قەتئىي قوغداش- تاكى مادارىم قالمىغۇچە قوغدايمەن، ئۇ، ئارال ئۈچۈن شۇنداق ۋەدە بەردى

  1986- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۇنىڭ ئارالغا چىققان تۇنجى كۈنى ئىدى. گۈركىرىگەن بوران ئاۋازىدىن ۋاڭ جىسەي گازارمىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تۈگۈلۈپ كىرىۋېلىپ، بىر كېچە كىرپىك قاقمىدى.

  ئۇ، ئۇدا 47 كۈننى جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، يەتكۈچە ئازاب چەكتى.

  كەيشەن ئارىلى قۇرۇقلۇقتىن 12 دېڭىز مىلى يىراقلىقتا بولۇپ، ئىككى پۇتبول مەيدانىچىلىك چوڭلۇقتا ئىدى، ئۇرۇش مەزگىلىدە خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى قاراۋۇلخانا، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، جەزمەن ئادەم قوغدىشى كېرەك ئىدى.

  ۋاڭ جىسەي ئارالغا چىقىشتىن بۇرۇن، تۆت تۈركۈمدە ئون نەچچە خەلق ئەسكىرى ئارالنى قوغداشقا كەلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزاق تۇرغىنى 13 كۈنلا تۇرالىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىددەتلىك بوراندىن قورقۇپ قېچىپ كېتىشكەنىدى.

  ئارالغا چىققان 48- كۈنى، خوتۇنى ۋاڭ شىخۇا ئېرىگە: «بىز ئارالدىن چۈشۈپ كېتەيلى!» دېدى.

  ئەينى چاغدا، جياڭسۇ گۇەنيۈن ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ رەھبىرى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، سەمىمىي ھالدا ۋاڭ جىسەيگە مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ئارالنى سىزلا قوغدىيالايسىز، قاچاق ئەسكەر بولماڭ!»

  ۋاڭ جىسەي مەيلى ھەربىي بۇيرۇق بولسۇن ياكى ۋەدە بولسۇن، ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى.

  ئۇ ئۈندىمەستىن، خوتۇنىنى كېمىگە سېلىپ قويدى.

  ۋاڭ شىخۇامۇ دېلىغۇل بولدى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر بىر قارارغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئارالغا چىقتى.

  1987- يىلى 7- ئايدا، شىددەتلىك بوران كەيشەن ئارىلىغا ھۇجۇم قىلدى. ۋاڭ شىخۇانىڭ ئاي- كۈنى توشۇپ قالدى، ئەمما ئارالدىن چۈشەلمىدى، ئۇنىڭ چېكىسىدىن مۇنچاق- مۇنچاق تەر قۇيۇلۇپ تۇراتتى، ئېرى جىددىيلىشىپ پىقىراپ كەتتى.

  «ۋاڭ جىسەي، مەن سېنىڭ قولۇڭدا نابۇت بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمەن!»

  جىددىيلىشىپ كەتكەن ۋاڭ جىسەي قىسقا مۇساپىلىك سىمسىز تېلېفون ئارقىلىق بازارلىق خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۆلۈم باشلىقىنىڭ خوتۇنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ خوتۇنىنى ئۆزى تۇغدۇردى!

  بالىنىڭ تۇنجى يىغا ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ جىسەي تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن بالىنىڭ كىندىك بېغىنى كەستى ھەم ئۇچىسىدىكى مايكىسىنى يىرتىپ قايناق سۇغا بېسىۋەتكەندىن كېيىن، بالىنى ئوراپ قويدى.

  9- يىلىغا كەلگەندە، ئاتا- ئانىسى ياشىنىپ، بالىسى ئوقۇش يېشىغا يېتىپ قالدى، ۋاڭ جىسەي پېشقەدەم سىياسىي كومىسسار ۋاڭ چاڭجيېدىن قىرغاققا قايتىپ چىقىشنى ئۆتۈندى. پېشقەدەم سىياسىي كومىسسار ساقايماس كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانىدى. ئۇ ئېغىز ئاچقۇچە پېشقەدەم سىياسىي كومىسسار ۋاڭ جىسەينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «جىسەي، كەيشەن ئارىلىنى سىز قوغدىسىڭىز، ئۆلۈپ كەتسەممۇ، خاتىرجەم ياتىمەن» دېدى.

  ۋاڭ جىسەينىڭ قەلبى بىردىنلا ئىللىدى- دە، ھەربىيچە سالام بېرىپ مۇنداق دېدى: «خاتىرجەم بولۇڭ، ئارالنى تاكى مادارىمدىن كەتكۈچە ياخشى قوغدايمەن!»

  تەمىنات كەمچىل ئەھۋالدا، ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن ئون نەچچە يىلنى يېرىم ئاچ، يېرىم توق ئۆتكۈزدى؛ توك بولمىغاچقا، ئۇلار 20 نەچچە يىل كىرسىن چىراغ ياقتى؛ تاتلىق سۇ بولمىغاچقا، ئۇلار 30 نەچچە يىل يامغۇر سۈيى ئىچتى.

  2003- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، گۇەنيۈن ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ۋاڭ جىسەيگە پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  32 يىلدا، گۇەنيۈن ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى توققۇز قېتىم، سىياسىي كومىسسارى يەتتە قېتىم ئالماشتى؛ ئەينى يىلى ئارالدىن قايتىپ كەلگەن ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشتى، بىراق ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن باشتىن- ئاخىر مىختەك بىر يەرگە مىخلىنىپ قالدى، بۇ 16 قېتىم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىگە باراۋەر ئىدى.

  سەمىمىي ساداقەت- ئارالنىڭ ئۆزى دۆلەت، ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق

  ۋاڭ جىسەي بىر توپ كىشىدىن تاياق يېدى.

  يۈز- كۆزلىرى ئىششىپ، كالپۇكلىرى دوردىيىپ كەتتى.

  ئۇ گەپنىمۇ ئوچۇق قىلالمايتتى، شۇنداقتىمۇ ئاران تەستە مۇنداق بىر ئېغىز گەپنى قىلدى: «قانۇنغا خىلاپ ئىشقا ھەرگىز يول قويمايمەن!»

  1999- يىلى 3- ئايدا، قانۇنسىز ئۇنسۇر سۈن XX نىڭ كەيشەن ئارىلىغا كۆزى چۈشۈپ، ئارالدا شەھۋانىي سورۇن ئېچىشنى پىلانلىدى.

  سۈن XX ۋاڭ جىسەينىڭ ئىشنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆلسەڭ ئەرزىمدۇ، ئوغلۇڭ ئەمدىلا ئون ياشقا كىردى، ئۆلسەڭ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ!»

  ۋاڭ جىسەي قىلچە قورقماي مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت ئۈچۈن ئارالنى قوغدايمەن، سىلەر قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىشقا پېتىنساڭلار، قېنى سىناپ بېقىڭلار!»

  سۈن XX ھىجىيىپ تۇرۇپ بىر باغلام پۇلنى چىقىرىپ: «قىسىمغا مەلۇم قىلمىساڭلا، تاپقان پۇلنى تەڭ بۆلۈشىمىز» دېدى. ۋاڭ جىسەي قەتئىي رەت قىلدى.

  شەرمەندە بولغانلىقىدىن دەر غەزەپكە كەلگەن سۈن XX ئادەم باشلاپ كېلىپ ۋاڭ جىسەينى قاتتىق دۇمبالىدى، ۋاڭ جىسەي باشتىن- ئاخىر ئازراقمۇ يول قويمىدى. كېيىن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتتى.

  32 يىلدا، ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يۇقىرىغا ئەتكەسچىلىككە، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ توققۇز دېلونى مەلۇم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە دېلو مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى.

  ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇننىڭ نەزەرىدە، ئەجدادلار ئاساس سالغان زېمىننىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايتتى!

  1939- يىلى ياپونىيە ئارمىيەسى كەيشەن ئارىلى ئارقىلىق گۇەنيۈن ناھىيەسىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئارمىيەمىز ۋە پۇقرالىرىمىزدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قىرغىن قىلغان. ۋاڭ جىسەي ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئېسىگە ئالغىنىدا، قوغداش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ: «مەن ئەجدادلارنىڭ ئاققۇزغان قېنىغا يۈز كېلەلىشىم كېرەك!» دېدى.

  «ۋاڭ شىخۇا، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىمىز!»

  ھەر كۈنى سەھەردە، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇنجى ئىشى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ئىدى.

  بايراق چىقارغاندا، ۋاڭ جىسەي بايراق چىقىراتتى، ۋاڭ شىخۇا سالام بېرەتتى.

  بەزىلەر چۈشەنمەي، ئىككىلا كىشى بار ئارالدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش- چىقارماسلىقنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولسۇن دېيىشتى. ۋاڭ جىسەي كەسكىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغانلىق، كەيشەن ئارىلى كىچىك بولسىمۇ، بىراق زېمىن مۇقەددەس، جەزمەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش كېرەك!»

  بىر قېتىم تەيفېڭ بورىنى كەيشەن ئارىلىغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇ كۈچلۈك بورانغا قارىماي، سەنتۈرۈلۈپ يۈرۈپ تاغ چوققىسىغا چىقىپ، پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ دۆلەت بايرىقىنى چۈشۈرۈۋالدى. قايتىش يولىدا، پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ، تۇيۇقسىز قۇرۇق دەسسەپ سېلىپ، 17 پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋالدى، دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى.

  «ئارالنى قوغداۋاتقىنىمغا ئۇزاق يىل بولدى، مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستلا ئۆلۈپ كەتسەم، مېنى ئارالغا كۆمۈڭلار، دۆلەت بايرىقىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولاي!» دەيتتى ۋاڭ جىسەي.

  ۋارىسلىق قىلىش- يىلتىزنى قوغداش، ۋاڭ جىسەي مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە

  2018- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان پېشقەدەم خەلق ئەسكىرى ۋاڭ جىسەي كەيشەن ئارىلىدا يىقىلدى. «دادام ھاياتى ئارقىلىق <تاكى مادارىم قالمىغۇچە قوغدايمەن> دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى.» دېدى ۋاڭ جىگو،- دادامنىڭ روھى مېنىڭ يىلتىزىم، مۇشۇ يىلتىزنى قوغداپ قالساملا، دادام يەنە بىز بىلەن بىللە...

  بۈگۈنكى كۈندە، بىر توپ يېڭى قوغدىغۇچى ئارالغا كېلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك روھنى داۋاملاشتۇرۇشقا قەسەم قىلدى- ئۇلارنىڭ قوغدايدىغىنى ئارال بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئەسلىي مەقسەت!

  تەيفېڭ بورىنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇنجى تاڭ شەپىقى شەرقتىكى دېڭىز ئاسمىنىنى ئاستا- ئاستا قىزارتتى، ۋاڭ شىخۇا كەيشەن ئارىلىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بەنىنى يېتەكلەپ، بايراق چىقىرىپ يوقلىما قىلدى.

  «ۋاڭ شۈبىڭ!»

  «بار!»

  «خۇ پىنگاڭ!»

  «بار!»

  «ۋاڭ جىگو!»

  «بار!»

  «ۋاڭ جىسەي!»

  كۆپچىلىك بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا: «بار!» دەپ ۋارقىرىدى.

  جۇمھۇرىيەتنىڭ بىپايان دېڭىز چېگراسى ئارالنى قوغداپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقان بۇ بىر توپ ئىزباسارلارغا نەزەر تاشلاۋاتاتتى!

  7- ئاينىڭ 30- كۈنى، ۋاڭ جىسەينىڭ ماتەم مۇراسىمى گۇەنيۈن ناھىيەلىك دەپنەخانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ناھايىتى ئاز ئادەم بىلەن باردى- كەلدى قىلغانىدى، بىراق ئۇنى ئالايىتەن ئۇزاتقىلى كەلگەنلەر مىڭدىن ئېشىپ كەتتى!

  ۋاڭ جىسەي قۇتقۇزۇۋالغان بېلىقچى كەلدى، كۆپ يىل كۆرۈشمىگەن يۇرتداشلىرى كەلدى، ئىلگىرى ئارالنى بىرلىكتە قوغدىغان پېشقەدەم ئەسكەرلەر كەلدى... شەندۇڭ ۋېيشەندىكى بىر كۆمۈركان ئىشچىسى توردىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنى ئېلىپ ئالايىتەن يېتىپ كېلىپ، قەلبىدىكى قەھرىمانغا ئاخىرقى ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

  8- ئاينىڭ 15- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يولداش ۋاڭ جىسەينى ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ بېكىتتى.

  ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىدا، كىشىلەر قاتتىق ئۆكسۈپ يىغلاشتى:

  «جىسەي، ئاقيول بولسۇن!»

  «ۋاڭ كەيشەن، ئاقيول بولسۇن!»

  ...

  ئارالغا چىققانغا ئىككى يىل بولغاندا، ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن كۆچەت تىكمەكچى بولدى.

  ئۇلار تىككەن ئاق تېرەك، تۇخۇمەكنىڭ ھېچقايسىسى تۇتمىدى. ئۈچىنچى يىلى، سۇ كۆلچىكىنىڭ تاش يېرىقچىسىغا چېچىلغان بىر سىقىم كۇليەن دەرىخى ئۇرۇقى بىخ سۈردى. مانا مۇشۇنداق قايتا- قايتا تىكىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ئەي بولمىغان قارىغاي، شاپتۇل، نەشپۈت، ئەنجۈر، ئۈزۈم... ئاستا- ئاستا ئەي بولدى.

  ۋاڭ شىخۇا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئارالغا چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ئارال قاقاسلىق بولۇپ، ھېچنېمە يوق ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا لاۋۋاڭ ماڭا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىچىك ئارالنى چوقۇم كۆكەرتەيلى، ئارالغا چىققان كىشىلەر دەرەخ سايىسىدا سالقىندىسۇن، تاتلىق مېۋىلەرگە ئېغىز تەگسۇن، دېگەنىدى».

  كەيشەن ئارىلى خۇشاللىق بىلەن بۇ بىر جۈپ ئەر- خوتۇننىڭ ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا!

  (لى سەن، لىڭ جۈنخۇي، چېن سۇڭ، ياڭ شاۋگۇڭ، ۋاڭ زىمىڭ يازغان)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 13- سېتەبىر تېلېگراممىسى)


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى