قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2018-09-16 12:28:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سەيلىگاھلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى بېيىتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭى ئەندىزە ياراتتى.   
مۇخبىر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى «ئالتۇن دېڭىز ساھىلى» مەنزىرە رايونىدا بالىلارنىڭ قۇملۇقتا قۇم ئازگىلى كولاپ ئويناۋاتقانلىقى، ياشلارنىڭ كاتېرغا ئولتۇرۇپ سۇ ئۈستىدە ھاياجان ئىلكىدە سۇدىن ھوزۇر ئېلىۋاتقانلىقى، ساياھەتچىلەرنىڭ قىرغاقتا توپلىشىپ شۇ جاينىڭ مەززىلىك بېلىق كاۋىپىغا ئېغىز تېگىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى فەن يى بۇ قېتىم بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇرۇلتوقايغا ئوينىغىلى كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ بۇرۇلتوقاينىڭ بېلىق كاۋىپىنى يىدۇق، بۇرۇلتوقاينىڭ بېلىق كاۋىپى ھەقىقەتەن بەك تەملىككەن. بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك ھەمدە مۇھىتىمۇ بەك ياخشى، ھەقىقەتەن ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جايكەن.  
 يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «ئالتۇن ساھىل» مەنزىرە رايونى داڭقىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، «ئالتۇن ساھىل» مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. بۇ يىل «ئالتۇن ساھىل» مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇرۇلتوقاي «ئالتۇن ساھىل» ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاڭ شياۋجى مۇنداق دېدى: بىز مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوللارنى ياخشىلاپلا قالماي، مەنزىرە رايونىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىمىزنى دۆلەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قۇردۇق.          
كەچ كىرىشى بىلەن كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر قونالغۇسىدىكى چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرى بىلەن ئاي نۇرى بىر- بىرىگە قوشۇلۇپ، چىرايلىق مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى «قۇياش نۇرى» دالا كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى لۇ شيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دالا تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى بۇ يەردە ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى، مەسىلەن: قىياغا يامىشىش، پىيادە مېڭىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بىر دالا تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارى مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ- دەريالىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھىس قىلىپلا قالماي، يەنە بۇ يەردە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ناھايىتى خوشال بولدۇق.
كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت» ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە ئارقىلىق كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، ساياھەتكە ئالاقىدار كەسىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ياپيېشىل چىملىقتا يېتىپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ، تەبىئەت قوينىغا ھەقىقىي سىڭىپ كىردۇق. ئۆيىمىزدە بۇنداق خۇشاللىقنى مەڭگۈ ھىس قىلالمايمىز.        
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى دۆلەت A5 دەرىجىلىك ۋە دۆلەت A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزۈكسىز تېزلىتىپ، پۈتۈن رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى، پۈتۈن مۇھىم ئامىللار يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ كېچۈەن مۇنداق دېدى: ۋەتەننى سۆيۈش، ساداقەتمەن، ئىتتىپاق بولۇشقا ئائىت-- قىزىل ساياھەت؛ تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇشقا ئائىت-- يېشىل ساياھەت؛ قار- مۇز سەيلىسىگە بولۇشقا ئائىت-- كۈمۈش ساياھەت، ئالتۇن ساياھەت ۋە ناخشا-ئۇسسۇل، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت ساياھىتىدىن ئىبارەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېمەك- ئىچمەك، قونالغۇ، سەپەرگە چىقىش، سەيلە قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت ئامىلى بويىچە يەتتە مەخسۇس گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز يەنە قاناس، ئالتايدىن ئىبارەت بۇ ئىسىم كارتىسىنى پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى