قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دىڭ خۇڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ساياھەتنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى

2018-09-16 12:33:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
35 ياشلىق دىڭ خۇڭ شىنجاڭنىڭ چەكسىز مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپ، قۇمۇل شەھىرىدە شىنجاڭ «لاۋبۇ» ساياھەت شىركىتى قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ساياھەتنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.
دىڭ خۇڭنىڭ تېرىسى قارا، بويى پاكار بولۇپ، دائىم كالتەك توپ شەپكىسى كىيىۋالاتتى. ئۇ كىشىگە ناھايىتى سۈرلۈك ۋە ئەستايىدىل كۆرۈنەتتى. ئۇ بېيجىڭدىكى كىنو- تېلېۋىزىيىگە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ئون يىل تىرىشىپ ئىشلەپ، تەدرىجىي ھالدا ئالاقە دائىرىسى كېڭىيىپ، ئۇچۇر، مەبلەغ بايلىقى مول ئىقتىدارلىق كىشىلەردىن بولۇپ قالدى. ئۇ بىر قېتىملىق سەپەر داۋامىدا، شىنجاڭغا رىشتە باغلىدى.
 2015- يىلى «ماي» بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دىڭ خۇڭ يۈك- تاقىلىرىنى يۈدۈپ ئۆزى يالغۇز شىنجاڭغا كەلدى. ئۇ قۇمۇل داخەيداۋغا كەلگەندە قەدىمىنى توختاتتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يارداڭ يەر شەكلى ئۇنى ھەيران قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېڭى كۈرەش مۇساپىسى مۇشۇ قېتىملىق ساياھەت بىلەن تەڭ باشلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2015- يىلى مەن تۇنجى قېتىم داخەيداۋغا كەلگەندىن كېيىن باشقىلارنىمۇ بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندۇرۇشقا بەل باغلىدىم. مەن كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى، ئويلىغانلىرىمنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرسەم، ئۇلارمۇ ناھايىتى خۇشال بولدى، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم بارغانسېرى كۈچەيدى. مەن كۆپچىلىك بىلەن بۇ خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولماقچى بولدۇم.
دىڭ خۇڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، قۇمۇل داخەيداۋدىكى يارداڭ يەر شەكلىگە تايىنىپ، مەخسۇس ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. 2016- يىلى ئۇ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ «لاۋبۇ» ساياھەت شىركىتىنى قۇرۇپ، «داخەيداۋ مارس بازىسى» قۇردى ھەمدە 10 بىرىكمە ئالەم بۆلۈمچىسى مېھمانخانىسىنى كىرگۈزدى. بۇ يىل ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 500 دىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ ساياھەت تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مول ھوسۇل كۆپ بولدى، بۇ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىش. مەن ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، خېرىدارلارنى ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىدىن بەھرىمەن قىلىمەن. قۇمۇلنىڭ مەخسۇس ساياھەتچىلىكىنىڭ ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
دىڭ خۇڭ قۇمۇل داخەيداۋنىڭ مارسقا ئوخشايدىغان يارداڭ يەر شەكلى بايلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان تۈزدى. ئۇ يارداڭ يەر شەكلى بايلىقى بىلەن كىنو- تېلېۋىزىيە بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، ساياھەتچىلىك بىلەن مەدەنىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئەتراپتىكى كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇمۇلنىڭ پۈتكۈل رايون بويىچە مەخسۇس ساياھەت پىلانىنى تۈزۈشتە يىراقنى كۆزلەش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي، يەنە ئىككى كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىمى سۈرەتكە ئېلىش بازىسى، ئۈچ يارداڭ باغچىسى، بىر دالا مۇسابىقە مەيدانى، ھەتتا بىر چوڭ تىپتىكى تىياتىرخانا بولۇش كېرەك. مەن دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ساياھەت تۈرلىرىدىن بەرىقلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 دىڭ خۇڭ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىكى كۈرەش يولى ۋە بەختلىك تۇرمۇشى ئۈستىدە ئويلىنىپ، شىنجاڭدا ساياھەت يېڭى ئەندىزىسى يارىتىشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن قۇمۇلنىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت كەسپىنى جۇڭگو مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە كەلگۈسى 50 يىلدا، پەن- تېخنىكىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشى، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، كىشلەر يەنىلا گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا بارىدۇ. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ساياھەتنىڭ تېخىمۇ ئېسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مەن قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى