قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 12- قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2018-09-16 21:17:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن چۈەنگو، لى يۈفۇ، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى


 9- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 12- قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
    سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇنىڭ 1- شۇجىسى لى يۈفۇ قاتارلىق رەھبەرلەر قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشمەكتە. 

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 12- قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇنىڭ 1- شۇجىسى لى يۈفۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتناشتى ياكى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
  قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە ۋە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيۋىلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئىشچىلار سىنپىنىڭ يېڭى خىسلىتىنى نامايان قىلىشى، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  لى يۈفۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 11- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇش، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۈچۈن چىن قەلبىدىن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ كەڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى خۇددى توغراقتەك ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇب- شىمالىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تارىخ يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
  شۆھرەت زاكىر سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئېتىقادنى چىڭىتىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتلارنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى؛ ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئامما باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى ساھە ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا يېڭى دەۋر ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دەۋر خىسلىتىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچ- قۇدرىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمگىكى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى پۈتۈشى كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.
  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مالىيە خىزمىتى دوكلاتى»، «ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 11- نۆۋەتلىك خىراجەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە خىراجەت تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، سارقىت ئاقان ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى، چېن جۇڭكۈەن، ئەنۋەر ئابدۇراخمان، جېڭ لۈمىڭ، تيەن جيافۇ، مارلان جاقىسقان، لى جۇڭيۈن، روزىمەمەت باقى، ليۇ جۈنچاڭ، رۇڭ شۆلىڭ، خۇاڭ بىنلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوندىن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 17- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى.
  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، بادەي، جاۋ چىڭ، چېڭ جېنشەن، ليۇ جيەنشىن، ليۇ جيەنمىڭ قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى