قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى «مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە» كەسىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۇرۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-09-17 10:16:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى توغراقلىق، ئاۋازلىق قۇمتاغ، ئۆزگىچە تۇرالغۇ، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى قاتارلىق ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، «مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە» كەسىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۇرۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
9- ئايدىكى ئالتۇن كۈز پەسلىدە، مورى ناھىيەسى ئاۋازلىق قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا، شەنشىدىن كەلگەن خەن ئەپەندى قۇم تېيلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدىن سېيرىلىش تاختىسى بىلەن سېيرىلغاندا، ئۆزىڭىزنى خۇددى بوشلۇقتا پەرۋاز قىلغاندەك ھىس قىلىدىكەنسىز. بىز بۇ يەردە نۇرغۇن سۈرەتكە چۈشۈپ، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغانتۇق. نۇرغۇن دوستۇم ئالقىشلىدى ھەمدە بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى سوراشتى.
ئاۋازلىق قۇمتاغ، توغراقلىق قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن باشقا، مورى ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە مەدەنىيەت ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھىتىنى يۈكسەلدۈردى. پۈتۈن رايون ساياھىتى ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 8- ئاينىڭ 11-، 12- كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋاملاشقان «مورى ناھىيەسىنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت، ساياھەت مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى» خازانات خەلقئارا ئات بەيگىسى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئات بەيگىسى ھەۋەسكارلىرىنى مۇسابىقىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. خەلقئارا ئات بەيگىسى مەيدانى «ئاۋۇل ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەت بازىرى» نىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ھەم شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
مورى ناھىيەسى يەنە ئۆزگىچە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى قاتارلىقلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈلۈك، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مۇخبىر ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ يۆلياڭدى كەنتىدە، بۇ يەرنىڭ قويۇق يەرلىك مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە قەدىمىي كەنت ئىكەنلىكىنى، كارىدورلۇق ئۆيلەرنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە تۇرالغۇلارنىڭ ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بەرگەنلىكىنى كۆردى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى گو شىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇلازىمىتى ۋە ئەسلىھەلىرى مېھمانخانىلارنىڭكىدىن ياخشىكەن. دېرىزە سىرتىغا قارىسىڭىز، يېشىل كۆكتاتلارنى كۆرىدىكەنسىز. ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە دېھقانلارنىڭ تامىقىغا ئېغىز تەگدۇق، كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتۇق، چاي ئىچتۇق. ئىش قىلىپ، بۇ يەردىن ئىنتايىن رازى بولدۇم.
ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدە ھېچكىم ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيدىغان قۇرۇتۇلغان موما، يەرلىك تۇخۇم، ياۋا كۆكتاتلار بازىرى ئىتتىك مال بولۇپ قالدى. قازاقلارنىڭ قولدا كەشتىلىگەن بوغچا، گۈللۈك قولياغلىقلىرى سوۋغاتلىق بۇيۇم سۈپىتىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلدى. تىيانشان «غەلىتە پۇرچاقلىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار «شىنجاڭ سوۋغىتى» بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. مورى ناھىيەسى شىنجاڭ سوۋغىتى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى فېڭ شىن مۇنداق دېدى: مورىدا ياخشى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كۆپ ئىكەن. ساياھەتچىلىك ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق كەسپىمىزنى راۋاجلاندۇرىمىز.
مورى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئايگۈل شارىپقان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مورى ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 1 مىليوندىن ئېشىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى. ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، قۇمتاغدا قۇم تېيىلدى، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە توغراقلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئاۋۇل مىللىي ئۆرپ- ئادەت بازىرىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل تائاملىرىغا ئېغىز تەگدى، يەنە ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسىمۇ بار. ساياھەت بىلەن تەنتەربىيەنى بىرلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش-- مورىنىڭ خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى