قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيىغاندا تۈەن- مەيداندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن فۇ جياڭلۇ

2018-09-17 10:40:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بىڭتۈەن13- شىسى راكېتا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى يەككە تىجارەتچى فۇ جياڭلۇ بېيىغاندا تۈەن-مەيداندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 24 يىلدىن بۇيان، ئۇ 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، فۇ جياڭلۇ باشلامچىلىق بىلەن قۇمۇل «يېڭى يۇلتۇز» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي مۇلازىمەت كوپىراتىپىنى قۇردى. ھازىر دەل پاختا تىرىش، توشۇش مەزگىلى. ئۇ ئەزالارنى يىغىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلدى.
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان يېرىم يىلدىن بۇيان، فۇ جياڭلۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرىنى ئۈزۈكسىز ياخشىلاپ ۋە يېڭىلاپ، پائال بازار ئاچتى. فۇجياڭلۇ مۇنداق دېدى: تۈەن- مەيداندىكى ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن شىگوبىدا يەنە 20 مىڭ مودىن ئارتۇق ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئەزالارنى ئىلگىرىكى 2 مىليون يۈەن ئاساسىدا يەنە 400 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.
كوپىراتىپنىڭ ماشىنىدا تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنىڭ ئۈزۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، 32 نەپەر كوپىراتىپ ئەزاسى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ماس قەدەمدە ئاشتى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرى جىڭ خۇڭبىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، كىرىمىم بەك تۆۋەن ئىدى. بۇ يىل فۇ جياڭلۇ ئاكامنى تېپىپ يېڭى يۇلتۇز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدۇم. كىرىمىم 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە ئاشتى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. فۇ جياڭلۇ ئاكامغا كۆپ رەھمەت.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، فۇ جياڭلۇ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، كۆپچىلىكنى بېيىشقا يېتەكلىگەندىن سىرت، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە دائىم ياردەم قولىنى سۇندى. 2014- يىلى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى نىياز ئىسمائىلنىڭ ئايالى كېسەل بولۇپ قېلىپ جىددىي ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، فۇ جياڭلۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. نىياز ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئايالىمنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرماقچى بولدۇم، پۇلۇم بولمىغاچقا ئۇ ماڭا بىۋاستە 50 مىڭ يۈەن بەردى ھەمدە «ئايالىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىڭ، پۇل يېتىشمىسە ماڭا دەڭ»دېدى.
بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن فۇ جياڭلۇ يەنە ئۇنى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. نىياز ئىسمائىل مۇنداق دېدى: كېيىن بىز بىرلىكتە باقمىچىلىق قىلدۇق، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام، ئۇ مېنى ئۆز قېرىندىشىغا ئوخشاش كۆرۈپ، ئىزچىل ياردەم بەردى. ماڭا ئايدا 4 مىڭ 500 يۈەن ئىش ھەققى بەردى.
ھازىر فۇ جياڭلۇ قۇرغان قۇمۇل «تيەنمۇيۈەن» يەم- خەشەك باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۈلكى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، كوپىراتىپ ئەزاسى 158 گە يەتتى. بىر يىلدا تارقىتىدىغان پايدا سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى. 
بىر قانچە يىلدىن بۇيان، فۇ جياڭلۇ يەنە ئەمگەكچى ئىشلىتىش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، 30 نەچچە ئىشچى- خىزمەتچىنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك 5- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، بىڭتۈەن بويىچە4- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. فۇ جياڭلۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى. مەن بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆپرەك پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىمەن. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى