قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توختىروزى پارنىكتا كۆكتات تېرىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئاشخانا ئېچىش ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى

2018-09-17 11:02:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزا ئۇقادي كەنتىدىكى دېھقان مەڭلىك توختىروزى پارنىكتا كۆكتات تېرىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئاشخانا ئېچىش ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى. مىننەتدارلىق ھىسسىياتىغا تولغان مەڭلىك توختىروزى بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، مەڭلىك توختىروزى ھەمراھلىرى بىلەن ئۆيمۇ- ئۆي بېرىپ، ياڭاق سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قىسقىغىنا يېرىم ئايدا، ئۇ يۇرتداشلارنىڭ 15 توننا ياڭىقىنى سېتىۋالدى. مەڭلىك توختىروزى مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ 4- خىزمىتىم. مەن ئىلگىرى ئۆي سېلىپ باققان، پارنىك ھۆددىگە ئېلىپ كۆكتات تېرىغان ھەمدە چىرا ناھىيەسىدە ئاشخانا ئېچىپ باققانىدىم. ھازىر تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشى بولىۋاتىدۇ. كۆپرەك ئىش قىلىپ باقاي دېدىم. شۇڭا، دېھقانلارنىڭ ياڭاق سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ياڭاق سېتىۋالدىم.
ئۇقادي كەنتىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمى پەقەت 1.4 مو بولۇپ، مەڭلىك توختىروزى خېلى بۇرۇنلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەرگىلا تايىنىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى. 2006- يىلى ئۇ يېزىدىكى تۈركۈملەپ ئۆي سېلىش پۇرسىتىنى كۆرۈپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئېلىپ پۇل تاپتى. 2009- يىلى ئۇ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى ھىس قىلىپ، كەنتتىكى 3 پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، لازا، شوخلا، كۈدە، بەسەي قاتارلىقلارنى تېرىدى. مەڭلىك توختىروزى يەنە ئايالىنىڭ چىرا ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئېچىشىنى قوللىدى. ھازىر ئاشخانىنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ياخشى بولماقتا. ئون نەچچە يىل كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى پىكاپ سېتىۋالدى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەڭلىك توختىروزى مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەنىڭ نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇم. پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشتە، 40 مىڭ يۈەن ھۆددە ھەققى بېرىشىم كېرەك ئىدى. ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي شارائىتىم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، يېزىلىق ھۆكۈمەت ماڭا 12 مىڭ يۈەننى كېمەيتىپ بەردى. مەن ئەمىن ئۆي سېلىپ، 28 مىڭ 500 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدۇم. كەنت ئاھالىلار كومىتېتى يەنە مېنى تېخنىكىسى بار كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. مانا مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتلەر تۇرسا، مەن چوقۇم تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىم كېرەك.
مەڭلىك توختىروزى يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپچىلىككە كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يېقىندا ئۇ 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ئەتراپىغا يېڭىدىن سالغان ئىككى قەۋەتلىك بىنامۇ پۈتتى. مەڭلىك توختىروزى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئارقىلىق، بۇ دۇكانلارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا ھۆددىگە بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى پىلانلىدى. مەڭلىك توختىروزى مۇنداق دېدى: مېنىڭ بەختلىك تۇرمۇشۇم ئۈزۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى. بۇ جەريان گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن تارتقان جاپاغا چۇشلۇق بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتىم. مەن ھازىر تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى مەن بىلەن بىللە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى