قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراماي شەھىرىنىڭ شوگەي يېزىسىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى فەن جىخۇينىڭ يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلىگەنلىكى

2018-09-18 10:59:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قاراماي شەھىرىنىڭ شوگەي يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان فەن جىخۇي داڭلىق بېيىش ماھىرى. ئۇ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.
فەن جىخۇي 20 نەچچە يىل ئىلگىرى خېنەندىن قاراماي شەھىرىنىڭ شوگەي يېزىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانىدى. ئۇنىڭ زىھنى ئۆتكۈر، تىرىشچان بولغاچقا، ئىزچىل تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى. ئۇ تېرىقچىلىق ئارقىلىق بېيىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكى دېھقانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى. 2008- يىلى فەن جىخۇي شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. فەن جىخۇي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بېيىش مەن ئۈچۈن ھەقىقىي بېيىش ھىسابلىنىدۇ.
فەن جىخۇي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى 11 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى قاراماي شەھىرىدە تۇنجى دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنى، «ئاينۇرى» دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. بۇنىڭ بىلەن تۇنجى يىلىلا 60 توننا پاختا يىغىۋېلىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 390 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. فەن جىخۇي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكىنى مەھسۇلاتنى بىر تۇتاش يىغىپ بىر تۇتاش سېتىشقا يېتەكلىدىم. 
فەن جىخۈي كېۋەز تېرىشتا ئۈنۈم ياراتقاندىن كېيىن يېڭى پىلانلارنى تۈزدى. ئۇ بازار ئېھتىياجى بويىچە كۆپچىلىكنى قىيام شوخلىسى، يىمەكلىك زەمبۇرۇغى، بېدە قاتارلىق زىرائەتلەرنى سىناق قىلىپ تېرىشقا يېتەكلىدى. سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بېدە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتى. بېدىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى يۇقىرى بولغاندا 1 مىڭ 300 كىلوگرامغا يېتىپ، ھەر مو يەردىن 800 يۈەن كىرىم قىلىندى. فەن جىخۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىزگە يول كۆرسىتىپ مەبلەغ چىقىرىپ، ئەتراپتىكى تەجرىبىلىك جايلار بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزغا ياردەم بەردى. ئۇ يەرلەرگە بېرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ھازىر كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرنى پەرۋىش قىلىۋاتىمىز.
فەن جىخۈي يەنە يېڭى ئىگىلىك تىكلەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. 2014- يىلى ئۇ ياشلار كەنتىدىكى كالا، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 8 ئائىلىلىك بىلەن بىرلىشىپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، شەھەر رايونىغا 70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈكتە باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى. بۇلتۇرنىڭ بېشىدا باقمىچىلىق مەيدانى ئىشلىتىشكە كىرىشتۇرۇلۇپ، تارقاق بېقىش، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق 260 قوي بېقىلدى. ھازىر باقمىچىلىق مەيدانىدا بېقىلىۋاتقان كالا، قوي مىڭدىن؛ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى بىر مىليون يۈەندىن ئېشىپ، شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى نەچچە ئون ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. خەن جىخۇي مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى مەندىن ھەر يىلى شۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىپ يەر سېتىۋېلىپ، نىمىشقا يەرلەرنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىسىز دەپ سورىدى. مېنىڭچە، بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوقۇم باشقىلارنى ئويلىشىم كېرەك. بولمىسا مەيدەمگە تاقالغان بۇ پارتىيە ئىزنىكىگە يۈز كېلەلمەيمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى