قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى «پۈتۈن رايون ساياھىتى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

2018-09-18 11:20:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى «پۈتۈن رايون ساياھىتى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
8- ئاي كىرگەندىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى سەيلىگاھلار ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ سەيلىگاھلارغا ساياھەتكە كەلدى.    
يېقىندا پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەتلىك A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 100 دىن ئارتۇق شاڭخەيلىك ساياھەتچىدىن تەشكىللەنگەن ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئۇزۇن ئۆمۈر» مىللىي ئۆرپ- ئادەت كەنتى، جىگدە كارىدورى، كۆل ئارال، كوئېنلۇن غارايىپ تاش سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلدى. شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى خۇ لى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ ئىزچىل تۈردە مەن ئىنتىلىدىغان جاي ئىدى. بۇ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن راستىنلا بەك خۇشال بولدۇم. ھەر كۈنى يېڭى خۇشاللىق، يېڭى بايقاشلار بولدى. بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىلىرىدىن خاتىرە قالدۇردۇم، ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىنىمۇ بەك ياقتۇردۇم. بۇ يەردە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم.                   
تەبىئىي مەنزىرە ساياھىتىدىن باشقا، پوسكام ناھىيەسى يەنە ساياھەتچىلىكنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، فىلولوگىيەلىك ساياھەتنى كۆپەيتتى. زىيالىي ياشلار ئائىلىۋى مەنزىرە نۇقتىسىدا، كۆرگەزمە زالىدا ئەينى يىللاردىكى زىيالىي ياشلار قالدۇرغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى، سۈرەت ۋە يېزىق ماتېرىياللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ساياھەتچى لياڭ روبىن مۇنداق دېدى: زىيالىي ياشلار ئىلگىرى بۇ يەرگە كېلىپ يېزىلاردا تۇرغان ئىكەن. بۇ يەر ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىمىزغا، يەنە يېزىغا چۈشكەن ياشلارنىڭ ساددا خاراكتېرىنى ھىس قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.  
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى «ئالتۇن توغراق» دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، «ئالتۇن توغراق» مەنزىرە رايونى، قار تېيىلىش مەيدانى، «گۈلباغ» مەنزىرە رايونى، سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، «ئۈچ باغچا،  بىر شەھەر» دىن ئىبارەت پوسكامنىڭ ساياھەت ئىسىم كارتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، پوسكام ناھىيەسى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 360 مىڭ ئادەم- قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %30 ئاشتى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال كىرىمى 34 مىليون 486 مىڭ 200 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %26.25 ئاشتى. شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پوسكام شۆبە ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم دىڭ يىخۈي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن پوسكام ناھىيەسى سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، «پۈتۈن رايون ئېكولوگىيەلىك ساياھىتى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى 20 ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىپ ساياھەتچىلىككە ئىشلەتتى. ھازىر ساياھەتچىلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلاندىن 13 ى بولۇپ، يەنە 10 نى كۆپەيتىمىز. ناھىيەمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى بەرپا قىلدى، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ مېھماندوستلۇقى ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ساياھەتچىلىكتە ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ساياھەت ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى