قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«سەن مېنىڭ ئىنىم، بۇنىڭدىن كېيىن دائىم كېلىپ تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن»

2018-09-18 17:17:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىنخۇڭ
 
 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، بورتالا شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە يۈسۈپ تېلېفوندا ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى پېنسىيەگە چىققان كادىر پېڭ گۇاڭمىڭغا: ئىنىم، كىچىك سىڭلىمنىڭ شيامېن داشۆدە ئوقۇۋاتقان قىزى تېلېفون قىلىپ، تاغام ئەۋەتكەن يوتقان- كۆرپە بەك ئىسسىق ئىكەن، ئۇنىڭدىن يۇرتۇمنىڭ پاختىسىنىڭ ھىدى كېلىدىكەن دەيدۇ، دېدى. 

 64 ياشلىق پېڭ گۇاڭمىڭ تېلېفوننى قويۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، 51 يىل ئىلگىرىكى كۆرۈنۈشلەر يەنە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇشقا باشلىدى. 

 پېڭ گۇاڭمىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشەن ناھىيەسىدىن ئىدى، 1967- يىلى 7- ئايدا، ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن پېڭ گۇاڭمىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن يوللۇق نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ، بىڭتۈەن 5- شىسىنىڭ 89- تۈەنىدىكى ئاچىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى. پېڭ گۇاڭمىڭ: ئاسىيە ئاچام شىنجاڭ داشۆ خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، ئۇمۇ يازلىق تەتىلدە نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئىكەن، ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ئاسىيە ئاچام كەينىگە ئۆرۈلۈپ مەندىن قانچە ياشقا كىردىڭ، نەگە بارىسەن؟ دەپ سورىدى، دېدى. 

 پېڭ گۇاڭمىڭ تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە چىققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى كىچىك بولغاچقا، ناتونۇش ئادەملەر ئۇنىڭدىن گەپ سورىسا، ئۇ گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 

 ئەينى ۋاقىتتا يول ناچار بولغانلىقتىن، نۆۋەتچى ئاپتوبۇس يېرىم يولدا بىر كېچە توختاپ ماڭاتتى. ئاسىيە ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، پېڭ گۇاڭمىڭنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا بازارغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇپ كېلەي، دېدى. ئاسىيە بازاردىن نەچچە كىلوگىرام ئۆرۈك سېتىۋېلىپ، ئىككىسى ئۆرۈك يېگەچ پاراڭلاشتى، ئۆرۈك ھەم چوڭ، ھەم تاتلىق بولۇپ، پېڭ گۇاڭمىڭ تويغىچە يېدى. «مېنىڭ ئۆيۈم بورتالا شەھىرىدە، 89- تۈەن بورتالا شەھىرىگە 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەنسىرىمىگىن، مەن ئاچاڭنى تېپىشىڭغا ياردەم قىلىمەن». ئاسىيەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، پېڭ گۇاڭمىڭنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئەندىشىسى بىراقلا تۈگىدى. 

 نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يولۇچى توشۇش بېكىتىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاسىيەنىڭ ئالدىغا چىققان ئىنى- سىڭىللىرى ئۇ ئىككىسىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتى. پېڭ گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ماددىي ئەشيا كەمچىل بولغانلىقتىن، ئاسىيە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ مۈشكۈل ئىكەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تاكى ئاچام مېنى ئېلىپ كەتكەنگە قەدەر بىر ھەپتە تۇردۇم. مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى، بىر ئېغىز چوڭ ئۆيدە كاڭ بار ئىكەن، كاڭدىكى جوزىغا كىرسىن چىراغ قويۇلۇپتۇ. يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ قارىسام، ئاسىيە ئاچامنىڭ ئاپىسى توختىخان ئاپام چىراغ تۈۋىدە كىيىم ياماۋېتىپتۇ. 

 پېڭ گۇاڭمىڭنىڭ ئاچىسى ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئاسىيە پېڭ گۇاڭمىڭغا: سەن مېنىڭ ئىنىم، بۇنىڭدىن كېيىن دائىم كېلىپ تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. توختىخان ئانىمۇ: سەن مېنىڭ بالىلىرىمغا ئوخشاش، ھەر ۋاقىت بۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمەن، دېدى. 

 1972- يىلى 9- ئايدا، 18 ياشقا كىرگەن پېڭ گۇاڭمىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ خاربۇخ بازىرىدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، تىراكتور شوپۇرى بولدى. ئاسىيە ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ئىنىم، بۇ خىزمەت بەك ياخشى، دېدى. ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسىنىڭ سوغۇقلۇقىنى ئويلىشىپ، ئاسىيە ئاپىسى بىلەن كېچىلەپ يوتقان- كۆرپە تىكتى. ئاسىيە ئەسلىدە ئۆزى ئاپىرىپ بەرمەكچى بولغانىدى، لېكىن ئەينى چاغدا قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن، ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەردى. 

 10- ئايدا، پېڭ گۇاڭمىڭ تىراكتورنى ھەيدەپ، بورتالا شەھىرىگە دىزېل مېيى ئالغىلى بارغاندا، ئاسىيە ئاچىسىغا ئىككى تاغار ياڭيۇ ئالغاچ كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىشلىق كۆكتات قىيىنچىلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى. ماڭىدىغان چاغدا، ئاسىيە بىلەن توختىخان ئانا ئۆز ھويلىسىدىن ئىككى چىلەك ئۈزۈم ئۈزۈپ ئۇنىڭ تىراكتورىغا سېلىپ بەردى. 

 پېڭ گۇاڭمىڭ توي قىلغاندىن كېيىن، توختىخان ئانا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان باردى- كەلدىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. 

 مەيلى چاغان ياكى قۇربان ھېيت بولسۇن، مەيلى كىمنىڭ ئۆيىدە خۇشاللىق ئىشلار ياكى قىيىنچىلىق بولسۇن، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم بېرىش- كېلىش قىلىپ تۇردى، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى. 

 ۋاقىت بىلىپ- بىلمەي ئۆتۈپ كەتتى. پېڭ گۇاڭمىڭ بىلەن ئاسىيەنىڭ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققىنىغا كۆپ يىل بولدى. توختىخان ئانا ئالدىنقى يىلى تۈگەپ كەتتى. بۇ يىل ئاسىيەنىڭ كىچىك سىڭلىسىنىڭ قىزى شيامىن داشۆگە ئۆتتى، پېڭ گۇاڭمىڭ بىر يۈرۈش يوتقان- كۆرپە ۋە 1000 يۈەن پۇل تەييارلاپ جىيەن قىزىغا بېرىپ، ئۇنى ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى