قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىمىسار ناھىيىسىدىكى قوتان مەيخانىسى

2018-09-18 18:52:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىمىسار ناھىيىسى شىندى يېزىسى شياۋفېنزى كەنتىدە بىر قوتان مەيخانىسى بار. تۇنجى قېتىم بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم چوقۇم بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ ھەمدە كىشىگە مودا ۋە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىغان مەيخانىنىڭ قانداقسىگە قوي قوتىنى بىلەن ئالاقىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق، بۇ مەيخانە ھەقىقەتەن بىر قوتاندىن ئۆزگەرتىلگەن.
قوتان مەيخانىسى يېزا چىغىر يولىنىڭ يېنىغا ياسالغان بولۇپ، ئومۇمىي رەڭگى سەل تۇتۇق، سىرتقى قۇرۇلمىسى ئاددىي، يېزا ئۆيلىرىدىن پەرىقسىز بولغاچقا، كۆزگە ئانچە چېلىقمايدۇ، ئەگەر بىرەرسى باشلاپ بارمىسا، كىشىلەر ھەتتا بۇ يەردە بىر مەيخانە بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. مەيخانىنىڭ تېمى شۇ جايدا ئىشلەنگەن قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان، ھېچقانداق رەڭ بېرىلمىگەن؛ ئۆگزىگە بىر قەۋەت سېرىق توپا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، سېرىق توپىدىن ئۆسۈپ چىققان ياۋا ئوت ـ چۆپلەر خۇددى يولدىن ئۆتكەن ـ كەچكەنلەرنى كۈزىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، مەيخانە ئەتراپتىكى يېزا مەنزىرىسى بىلەن پۈتۈنلەي بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن.
 2016- يىلى جىمسار ناھىيەسى «جەنۇبى قىسىمدىكى تاغلىق رايون ساغلاملىق كۈتۈنۈش ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى، مەيخانىنىڭ ئىگىسى ما خەيلياڭ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 300 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئىشلەتمەيدىغان قوي قوتىنىنى مەيخانىگە ئۆزگەرتتى. ئويلىمىغان يەردىن، نەچچە يىلدىن بۇيان قوتان مەيخانىسىگە كېلىپ رەسىم سىزىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رەسسام ۋە ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.
 ساياھەتچىلەر مەيخانىدە مۇزىكا ئاڭلىسا، پاراڭلاشسا بولىدۇ، قورسىقى ئاچسا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا تاماق يەپ، كەچتە يەنە پۇخراۋىي ياتاقتا يېتىپ قالسىمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى