قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاجايىپ بېلىق

2018-09-18 18:54:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سايرام كۆلىدىن چىقىدىغان ئاق سالمۇن بېلىقى خەلقئارا سۇ مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە دۇنيادىكى «ئاجايىپ بېلىق» دەپ نام ئالغان.
بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن، دېڭىز يۈزىدىن 2 مىڭ 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سايرام كۆلىدە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان سانائەت بۇلغىنىشىغا ئۇچرىمىغان.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئاق سالمون بېلىقى يىل بويى سايرام كۆلىدىكى چوڭقۇرلۇقى 30 مېتىر كېلىدىغان سوغۇق سۇدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، قاتتىق سوغۇققا تاقابىل تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بېلىق گۆشىنىڭ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تەركىبى يۇقىرى. ئاق سالمون بېلىقى تالاسى ئىنتايىن قىسقا، يۇمشاق بولۇپ، يېگەن ئادەمگە خۇددى دۇفۇدەك تەسىر بېرىدۇ، شۇڭا «دۇفۇ بېلىق» دېگەن نامىمۇ بار.
ئۈچىنچىدىن، ئاق سالمون بېلىقى كۆلدىكى تەبىئىي جانلىقلار تۈركۈمىنى يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بېلىق گۆشىنىڭ تەبىئىي ۋە يېشىل بولۇشىغا  كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاق سالمون بېلىقىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يىلدا بىر كىلوگرامغا يېتىدۇ. سۇدىكى چاغدا ئۇنىڭ جىسمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سۈزۈك بولىدۇ، ئەمما سۇدىن چىقسىلا ئۆلۈپ قالىدۇ، يەرلىك چارۋىچىلار ئۇنى «تورغا ئېلىنسىلا خۇشپۇراق تارقىتىدىغان بېلىق» دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ئاق سالمون بېلىقى تورغا ئېلىنىپ، سۇدىن ئايرىلغۇچە بولغان ئارلىقتا، ھايات بولغاچقا، تېنىدىكى ياغنىڭ ئالاھىدە پۇرىقىنى تارقىتىدۇ، شۇڭا بۇ بېلىق سۇدىن ئايرىلسىلا، خۇشپۇراق ئەتراپقا تارايدۇ. كۆل سۈيىدە تۇز تەركىبى بولغاچقا، بارلىق ئاق سالمون بېلىقلىرىدىمۇ «تۇز» تەركىبى بولىدۇ.
 دوستلار، سايرام كۆلىگە بېرىپ قالساڭلار، ئاق سالمۇن بېلىقىنى تېتىپ كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاشخانىلاردا ئاق سالمون بېلىقى ھەر خىل ئۇسۇلدا تەييارلىنىدىغان بولۇپ، تېتىپ كۆرۈشكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى