قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياخشى تۇغقان ئۆمۈرلۈك بولىدۇ

2018-09-18 19:28:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى جىڭچاۋ ئۆزىنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنى تىلغا ئالغاندا كۆز چانىقى قىزىرىپ كەتتى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لى جىڭچاۋ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭخې مەھەللىسىدىكى ئېرلانبېك جۇماتاي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى. پاراڭلىشىش ئارقىلىق لى جىڭچاۋ ئېرلانبېكنىڭ دادىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۇزاق مۇددەت ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى، ئانىسىنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلىكىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ئېغىر يۈكىنىڭ ئېرلانبېكنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنلىكىنى ئۇقتى.
ئۇ چاغدا ئېرلانبېكنىڭ خىزمىتى يوق بولۇپ، مەدىكارلىق قىلغاچ، ياشىنىپ قالغان كېسەلچان ئاتا - ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.لى جىڭچاۋ ئېرلانبېكقا: ئۇكام، مۇقىم خىزمىتىڭىز بولسا لايىق تېپىشىڭىزمۇ ئاسان بولىدۇ، ئۇلانباي ئەتراپىدىكى يول ئاسراش ئەترىتى ئىشچى قوبۇل قىلىدىكەن، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئاشىدىكەن، بېرىشنى خالامسىز؟ دېگەندە، ئېرلانبېك خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئېرلانبېكنىڭ غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى، 2017- يىلى ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن توي قىلدى. تۇغقىنىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، لى جىڭچاۋ چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئېرلانبېكنىڭ خوتۇنى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى جىددىيلىشىپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى، ئېرلانبېك ئامالسىزلىقتىن لى جىڭچاۋغا تېلېفون بەردى. لى جىڭچاۋ تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئېرلانبېكنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، كېچىلەپ ئۇلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى ھەم داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 5000 يۈەن بەردى. ۋاقتىدا داۋالانغاچقا، ئېرلانبېكنىڭ خوتۇنى ئۇزاق ئۆتمەيلا دوختۇرخانىدىن چىقتى.
كېيىن ئېرلانبېكنىڭ خوتۇنىمۇ لى جىڭچاۋنىڭ ياردىمىدە مەھەللىدىكى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدا ئىشلىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇ يىل چاغاندا، ئېرلانبېك بىر ئائىلە كىشىلىرى ئائىلە سۈرىتىگە چۈشكەندە، ئۇ ئالايىتەن لى جىڭچاۋنى ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، چىن كۆڭلىدىن بۇ ئاكىسىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆردى.
«ما جۈن، ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن» بۇ يىل روزا ھېيتتا لى جىڭچاۋ ئۇن ۋە ياغ ئېلىپ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يۇڭفېڭ يېزىسى يۇڭفېڭ كەنتىگە كېلىپ يەنە بىر تۇغقىنىنى يوقلىدى. ما جۈن لى جىڭچاۋنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ئېنىق بولمىغان تەلەپپۇزدا: تاغا، تاغا دەپ توۋلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، لى جىڭچاۋ قولىدىكى ئۇن بىلەن ياغنى ما جۈننىڭ دادىسى ما يوۋخەيگە بېرىپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.
52 ياشلىق ما يوۋخەينىڭ بېلى ئاغرىيدىغان بولغاچقا، ئېغىر ئىش قىلالمايتتى، بۇ ئائىلىدىكىلەر ما يوۋخەينىڭ خوتۇنىنىڭ ھارۋىدا راڭپىزا سېتىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. لى جىڭچاۋ دەسلەپتە بۇ ئۆيگە كەلگەندە، ما جۈن ياتسىراپ مۆكۈۋالاتتى. ئۇ مېيىپ بولغاچقا، بېكىنىۋېلىپ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياقتۇرمايتتى.
لى جىڭچاۋ ما يوۋخەي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تىت- تىت بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي، لى جىڭچاۋ ما يوۋخەي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۇڭفېڭ يېزىسى بازىرىدا راڭپىزا دۇكىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن ما يوۋخەي ئائىلىسىدىكىلەر ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى. لى جىڭچاۋنىڭ ۋاقتى بولسىلا ما جۈننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنى ئېلىپ سىرتلارنى بىللە ئايلىناتتى. ما جۈنمۇ بارغانسېرى ئوچۇق- يورۇق بولۇپ، دائىم سىرتلارغا چىقىدىغان بولدى.
لى جىڭچاۋنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سارداۋان يېزىسىدىكى چارۋىچى دۈيسەن سەكەن ئىدى. ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ كېلىۋاتقان دۈيسەن سەكەن يىقىلىپ چۈشكەنلىكتىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، خوتۇنىنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، قىزى بىلەن ئوغلى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى.
لى جىڭچاۋ بۇ نامرات ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن، 1600 يۈەن ياردەم قىلىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، ئوقۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ بەردى ھەم دۈيسەن سەكەنگە خاتىرجەم بولۇشنى، بالىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن غەم يېمەسلىكىنى ئېيتتى. دۈيسەن سەكەننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، لى جىڭچاۋ ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى، ئۇنىڭ كالا، قويلىرىنى سېتىشىپ بېرىپ، ئائىلە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بەردى. لى جىڭچاۋ مۇنداق دېدى: ياخشى تۇغقان ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى ۋە كۆزلىرىدىن چاقنىغان سەمىمىيلىكنى كۆرگىنىمدە، بۇنىڭ ھەقىقىي بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى