قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى شوپۇرلار رول تۇتقاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

2018-09-19 17:36:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىخەتەرلىك تاسمىسىدىن ئىبارەت ھاياتلىق بەلبېغىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ھەر ۋاقىت يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش ئۆزى ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مەيلى يېڭى شوپۇر بولسۇن، مەيلى كونا شوپۇر بولسۇن بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
يېڭى شوپۇرلار يولغا چىققاندا سۈرئەتنى كونترول قىلىشى، بەك تېز ماڭماسلىقى كېرەك. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەت بەك تېز ياكى بەك ئاستا بولماستىن، بىر خىللىقنى ساقلاپ مېڭىش، بولمىغاندا ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان ئادەم ئالدى-كەينىگە سىلكىنىپ بىئارام بولۇپ قالىدۇ. ئامال بار باشقا ئاپتوموبىللارنى يانداپ ئۆتۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك بىرىنچى، شۇڭا توغرا ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئۇياق-بۇياققا ھاڭۋېقىپ قارىماسلىق كېرەك.
ئاپتوموبىل ئارا ئارىلىقنى ساقلاش، ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېشىل چىراقتا ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا بەك يېقىن ماڭغاندا تۇيۇقسىز تورمۇز تۇتۇش توغرا كېلىپ قالغاندا ئۈلگۈرەلمەي قېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە سوقىقىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەسئۇلىيەت كەينىدىكى ئاپتوموبىلغا ئارتىلىدۇ.
قاتناش قائىدىسىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ھوشيار ھالەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
يول يۈرۈشتىن بۇرۇن بارىدىغان مەنزىلنىڭ ئورنىنى ئوبدان بىلىۋېلىش ۋە قايسى يول بۆلىكىدە مېڭىش كېرەكلىكىنى ئالدىن بەلگىلىۋېلىش كېرەك. ھەر ئېھتىمالغا قارشى كېرەكلىك سايمانلارنى تەق قىلىپ، ئاندىن يولغا چىقىش كېرەك.
يول يۈرۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاپتوموبىلنى ئوبدان تەكشۈرۈش، بۇزۇلغان ئورنى بولسا دەرھال ياسىتىش لازىم.
يول يۈرگەندە تۇيۇقسىز كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەردىن ساقلىنىش تەس، بۇنداق ۋاقىتتا ھودۇقۇپ كەتمەستىن سوغۇققان بولۇش، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئۆز ئورنىدا تۇرۇش، قاتناش ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ يول باشلىشى بىلەن يول يۈرۈش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى