قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئاھالىسىنى تەشكىللەپ، «جۇڭچيۇ بايرىمىنى جەم بولۇپ كۈتۈۋېلىش، بىرلىكتە ئاي توقاچ پىشۇرۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2018-09-19 11:57:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى بايرىمى مول ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلىپ، مىللىي تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىدۇ. جۇڭچيۇ بايرىمى-- جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن. 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز --- جۇڭچيۇ بايرىمى» مەخسۇس سەھىپىمىزدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىرىي بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تولۇق نامايەن قىلىمىز. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جىڭ بازىرى لۈيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ، «جۇڭچيۇ بايرىمىنى جەم بولۇپ كۈتۈۋېلىش، بىرلىكتە ئاي توقاچ پىشۇرۇرش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 
پائالىيەت مەيدانىدا بىر ئاھالە مۇنداق دېدى: يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن جۇڭچيۇ بايرىمى يىتىپ كىلىدۇ. بۇ- جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، بىز ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئايتوقاچ پىشۇرۇۋاتىمىز، ئايتوقاچ جەم بولۇشنىڭ سىمۋولى.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەندىلا كەسپىي ئۇستاملارنى كۆپچىلىككە ئايتوقاچ ئىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. 20 نەچچە ئاھالە ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۇستامنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە قول سېلىپ، بىر تەرەپتىن خېمىر يۇغۇرۇپ، قىيما تۈگۈپ، قېلىپ بىلەن بېسىپ چىرايلىق شەكىلگە كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭچيۇ بايرىمىلىق ئايتوقاچنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە رىۋايىتى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. بىر دەمدىن كېيىن، يۇمىلاق ئايتوقاچلار بىر- بىرلەپ شەكىللەندى. لۈيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالە لۈ سۈيچىن مۇنداق دېدى: بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، قەلب رىشتىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.
لۈيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالە نۇرنىسا ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئايتوقاچ ئەتكەچ پاراڭلىشىپ، ھېسسىياتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ناھايىتى ياخشى بولدى. جۇڭچيۇ بايرىمى- جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، ئايتوقاچنىڭ يۇمىلاقلىقى بىر يەرگە جەم بولۇش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، كۆپچىلىك ئۆز قولى بىلەن ياسىغان 30 نەچچە ئايتوقاچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ دۇخوپكىغا سېلىپ پىشۇرۇلدى. دۇخوپكىدىن پىشىپ چىققان ئايتوقاچلاردىن كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان خۇش پۇراق چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆزلىرى ئەتكەن ئايتوقاچنى تېتىدى. ئاندىن، تاتلىق ئايتوقاچلار بىلەن بايراملىق تىلەكلەرنى ئېلىپ، مەھەللىدىكى ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلارنى يوقلىدى.
مەھەللە خىزمەتچىسى بىر مومايغا: «موما ياخشىمۇ سىز، جۇڭچيۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن»، دېگەندە، موماي: «رەھمەت» دېدى.
مەھەللە خىزمەتچىسى يەنە: «بۇ ئايتوقاچلارنى بىز ئۆزىمىز ئەتكەن، تېتىپ بېقىڭ، دېھقانلار كالىندارى بويىچە 8- ئاينىڭ 15- كۈنى يېتىپ كېلەي دېدى، ئايتوقاچنىمۇ ئۆيىڭىزگە ئەكەلدۇق، بەك يىيىشلىك جۇمۇ» دېدى.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى