قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دوپپا تىكىش ماھىرى مەمەتئېلى ئەخمەتتوختىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى

2018-09-19 12:07:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قاراقاش ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى دوپپا تىكىش، دوپپا سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى جەمەتىنىڭ ئائىلىۋىي ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىنى دۇپپا تىكىش كارخانىسىغا ئايلاندۇردى.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «مۇبارەك» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دوپپا تىكىش سېخىدا 31 ئىشچى تۈرلۈك پاسوندىكى دۇپپىلارنى تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا دوپپا تىكىشكە ئىشتىياق باغلىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا ھويلىمىزدا بەش، ئالتە ئىشچى دوپپا تىكەتتى، مۇھىت ۋە ئەسلىھەلەر ئىنتايىن ئەنئەنىۋىي، مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئاز ئىدى. ئۇ چاغلاردا، كىشىلەر ماركىلىق دوپپا كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى، مەن كېيىن شىركەت قۇرۇپ ئۆزەمنىڭ ماركىسىدا دوپپا ئىشلەپچىقىرىمەن، دەپ ئويلايتىم».
2010- يىلى، مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى ئەتراپتىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ، دوپپا تىكىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى شەكلىدە بازارغا كىردى. ئۇ ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى قارىغۇلارچە كېڭەيتكەنلىكى ئۈچۈن زور زىيان تارتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باشقىلار دوپپا ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاغزاكى ۋەدە بەرسە، بىزمۇ دىگىنى بويىچە ئىشلەپچىقىرىپتۇق. نەتىجىدە ئۇلار ئىنتايىن ئاز قىسمىنى سېتىۋالدى. ئەينى چاغدا بارلىق مەبلەغ ماتىرىيال سېتىۋېلىش، دوپپا تىكىشكە كەتكەن بولۇپ، دوپپىلار سېتىلمىغاندىن كېيىن، بىز مەبلەغ جەھەتتە قىينالدۇق. 
بۇ قىتىمقى ساۋاقتىن مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى ئىشلارغا سوغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن بازار تەكشۈرۈپ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىشلەپچىقارغان دوپپىلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، لېكىن تۈرى كۆپ ئەمەس، بىز خېرىدارلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، مەخسۇس لايىھىلىگۈچى تەكلىپ قىلىپ، دوپپىلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتتۇق ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردۇق.
بۇلتۇر، مەمەتئېلى ئەخمەتتوختىنىڭ «مۇبارەك» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى ھەمدە «مۇبارەك» ماركىسىنى رۇيخەتكە ئالدۇردى. مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى ئائىلىۋىي ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 31 ئىشچى- خىزمەتچىسى بار شىركەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. ھازىر، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ شىركىتىنى 750 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما، ئۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مەمەتئېلى ئەخمەتتوختى مۇنداق دېدى: ھازىر يىلىغا 15 مىڭ دوپپا تىكەلەيمىز، «مۇبارەك» ماركىمىزنىمۇ بازار ئېتىراپ قىلدى، شىركىتىمىزدىكى 31 ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ 11 ئى نامرات ئائىلە. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، شىركەتنى چوقۇم بارغانسېرى روناق تاپقۇزىمىز.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى